مەسۇت ئۆزىل ئىمزالىغان ئۈچ فورما رېكورت باھادا سېتىلدى

فەنەرباھچە كوماندىسىنىڭ پۇتبولچىسى مەسۇت ئۆزىلنىڭ ئىمزا مۇراسىمى ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلانغان ۋە 32 ياشلىق پۇتبولچى ئىمزالىغان ئۈچ فورما 36 مىڭ 50 ياۋروغا سېتىلدى.

1583976
مەسۇت ئۆزىل ئىمزالىغان ئۈچ فورما رېكورت باھادا سېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەنەرباھچە كوماندىسىنىڭ پۇتبولچىسى مەسۇت ئۆزىلنىڭ ئىمزا مۇراسىمى ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلانغان ۋە 32 ياشلىق پۇتبولچى ئىمزالىغان ئۈچ فورما 36 مىڭ 50 ياۋروغا سېتىلدى.

فەنەرباھچە كوماندىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «www.matchwornshirt.com» ئادرېسىدا سېتىشقا قويۇلغان 67-نومۇرلۇق فورمىنىڭ 26 مىڭ ياۋروغا، ئالتۇن رەڭلىك فورمىنىڭ 4 مىڭ 800 ياۋروغا ۋە كۆك رەڭلىك فورمىنىڭ 5 مىڭ 250 ياۋروغا سېتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، مەسۇت ئۆزىلنىڭ 67-نومۇرلۇق فورمىنىڭ مەچۋونشىرت (Matchwornshirt) بېتىدە ھازىرغىچە سېتىشقا قويۇلغان فورمىلار ئارىسىدا ئەڭ يۇقىرى باھادا سېتىلىپ رېكورت ياراتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىرازىلىيەلىك پۇتبولچى نېيمار (Neymar) كىيگەن فىرانسىيەنىڭ پ س ج (PSG) پۇتبول كۇلۇبى فورمىسى مەزكۇر تور بەتتە 13 مىڭ دوللارغا سېتىلىپ رېكورت ياراتقان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر