ئامېرىكا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى — NBA مۇسابىقە ۋاقىت جەدۋىلىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئامېرىكا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى — NBA ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن مۇسابىقىلەرنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنىڭ ئۆزگەرتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1572968
ئامېرىكا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى — NBA مۇسابىقە ۋاقىت جەدۋىلىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: NBA بايانات ئېلان قىلىپ، كوۋىد - 19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن ھازىرغىچە 22 مەيدان مۇسابىقىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە بۇ مۇسابىقىلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقىتلىرىدا بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېڭى ۋاقىت جەدۋىلىرىگە ئاساسەن، مۇسابىقە مەزگىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان مۇسابىقىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئالدىنقى يېرىمى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئوينىلىدىكەن.

بۇ ئەھۋالنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان ۋاشىنگتون ۋىزاردس كوماندىسى بىلەن مېمفىس گىرىزلىز كوماندىسى ئۆز كوماندىلىرىدىكى كوۋىد - 19 يۇقۇملانغۇچىلىرى سەۋەبىدىن بۇ پەسلىدە 6 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى.

باياناتتا يەنە، 20-27-يانۋار كۈنلىرى 492 ۋاسكېتبولچىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئادەمدە يۇقۇم بايقىلىپ كارانتىن قىلىنغان قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر