چېمپىيونلار دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى ھاياجان ئىچىدە داۋام قىلماقتا
چېمپىيونلار دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 3-ھەپتىسىدە، پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنى بىر-بىرىدىن مۇھىم مۇسابىقىلەر كۈتمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ گالاتاساراي كوماندىسى A گۇرۇپپىسىدا ئىسپانىيەنىڭ رېيال مادرىد (Real Madrid) كوماندىسىنى كۈتۈۋالىدۇ.
برۇخې كۇلۇبى بىلەن پارىژ سائىنت جېرمايىن كوماندىسى بېلگىيەدە مۇسابىقىلىشىدۇ. ھەر ئىككى مۇسابىقە ئەنقەرە ۋاقتى 22:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 01:00 دە باشلىنىدۇ.
B گۇرۇپپىسىدا بايېرن مىيۇنخېن كوماندىسى بىلەن ئولىمپىياكوس كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدۇ.
توتېنھام كوماندىسى قىزىل يۇلتۇز كوماندىسىنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ ئىككى مۇسابىقىمۇ ئەنقەرە ۋاقتى 22:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 01:00 دە باشلىنىدۇ.
C گۇرۇپپىسىدا مانچېستېر سىتى كوماندىسى بىلەن ئاتالانتا كوماندىسى بىلەن ئەنقەرە ۋاقتى 22:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 01:00 دە مۇسابىقىلىشىدۇ.
D گۇرۇپپىسىدا ئىتالىيەنىڭ جۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن رۇسىيەنىڭ8 لوكوموتىف موسكۋا كوماندىسى ئەنقەرە ۋاقتى 22:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 01:00 دە مۇسابىقىلىشىدۇ.
ئاتلېتىكو مادرىد كوماندىسى بىلەن بايېر لېۋېركۇسېن كوماندىسى ئەنقەرە ۋاقتى 19:55، ئۈرۈمچى ۋاقتى 22:55 دە مۇسابىقىلىشىدۇ.