دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ ئالتىنچى ھەپتىسى ئاخىرلاشتى

دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ ئالتىنچى ھەپتىسى غازىشەھىر غازىئانتەپ كوماندىسى بىلەن گۆزتەپە كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. مۇسابىقە 1-1 ئاخىرلاشتى.

1279374
دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ ئالتىنچى ھەپتىسى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە، دەمىر گۇرۇپ سىۋاسپور كوماندىسى 1-1 نەتىجە بىلەن تەڭلەشكەن ئايتەمىز ئالانياسپور كوماندىسى نومۇرىنى 14 كە چىقىرىپ، ئالدىنقى ئورۇننى قولدىن بەرمىدى.

پەسىلنىڭ تۇنجى مۇسابىقىسىدە گالاتاساراي كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان فەنەرباھچە نومۇرىنى 11 گە چىقىرىپ، ئىككىنچى ئورۇننى قولغا كەلتۈردى.

نومۇرى ئارقىمۇ ئارقا تۆۋەنلىگەن بەشىكتاش كوماندىسى بۇ ھەپتىدىكى مۇھىم مۇسابىقىدە، ترابزونسپورغا 4 كە قارشى 1 نەتىجە بىلەن يىڭىلدى ۋە 16-ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.

بۇ ھەپتىلىك دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ نەتىجىلىرى تۆۋەندىكىچە:

مېدىپول باشاكشەھىر كوماندىسى 0 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن چايكۇر رىزەسپور كوماندىسىنى يەڭدى.

يۇكاتەل دېنىزلىسپور كوماندىسى 1 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن قاسىمپاشا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

ئايتەمىز ئالانياسپور كوماندىسى بىلەن دەمىر گۇرۇپ سىۋاسپور كوماندىسى 1-1 نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى.

گالاتاساراي كوماندىسى بىلەن فەنەرباھچە كوماندىسى 0-0 تەڭلەشتى.

ئىتتىپاق خولدىڭ كونياسپور كوماندىسى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئىستىقبال موبىليا قەيسەرىسپور كوماندىسىنى يەڭدى.

ئانتالياسپور كوماندىسى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ب ت ج يېڭى مالاتياسپور كوماندىسىنى يەڭدى.

ئەنقەرە كۈچى كوماندىسى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن گەنچلەربىرلىكى كوماندىسىنى يەڭدى.

ترابزونسپور كوماندىسى 1 گە قارشى 4 نەتىجى بىلەن بەشىكتاش كوماندىسىنى يەڭدى.

غازىشەھىر غازىئانتەپ كوماندىسى بىلەن گۆزتەپە كوماندىسى 1-1 تەڭلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر