ياۋروپا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرىنىڭ بېلەتلىرى سېتىلىشقا باشلىدى

پۇتبول ھەۋەسكارلىرى 2020 -يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىنىڭ باھاسى 30 ياۋرودىن 945 ياۋروغىچە بولغان بېلەتلەرنى سېتىۋېلغاندا، مۇسابىقىلەرنى سەھنىلەردىكى ئوخشىمىغان ئورۇن رەتلىرىدىن كۆرەلەيدۇ.

1217665
ياۋروپا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرىنىڭ بېلەتلىرى سېتىلىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2020-يىلى 12-ئىيۇندىن 12-ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىنىڭ بېلەتلىرى، بۈگۈن (13-ئىيۇن) سېتىلىشقا باشلىدى. بېلەت سېتىلىش باشلىنىپ بىر سائەت ئىچىدىلا 109 دۆلەتتىن 300 مىڭدىن ئارتۇق تەلەپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

گېرمانىيە، ئەزەربەيجان، دانىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، ئىرېلاندىيە، شوتلاندىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، ۋېنگرىيە، رۇمېنىيە ۋە رۇسىيە ئورتاق ساھىبخانلىق قىلىدىغان ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلار «https://www.uefa.com/uefaeuro-2020/ticketing» ئادرېسىدىن بېلەت سېتىۋالالايدۇ.

بىلدۈرۈلىشىچە، بېلەت سېتىش ئىشلىرى 2019 -يىلى 12-ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 3 مىليوندىن ئارتۇق بېلەتنىڭ سېتىلىشى پىلان قىلىنماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر