مېيىپ تەنتەربىيەچى سۈمەييە بوياجى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

تۈركىيە سۇ ئۈزۈش ماھىرى سۈمەييە بوياجى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مۇسابىقىسىدا بىرىنچى بولدى.

1179530
مېيىپ تەنتەربىيەچى سۈمەييە بوياجى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا مېيىپلار سۇ ئۇزۇش چېمپىيونى سۈمەييە بوياجى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مۇسابىقسىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. 

ئىندىئانا پولىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋە 19 دۆلەتتن 160 تەنتەربىيەچى قاتناشقان مۇسابىقىدا، سۈمەييە بوياجى 50 مېتىرغا ئوڭدا ئۈزۈش تۈرى بويىچە 45.28 لىك دەرىجە بىلەن بىرىنجى بولۇپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر