بۈگۈن تۈركىيە-مولدوۋا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ
2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانما شاللاش مۇسابىقىلىرى باشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى بۈگۈن (25-مارت) 2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى H گۇرۇپپىسىدىكى ئىككىنچى مۇسابىقىسىدە، مولدوۋا كوماندىسى بىلەن رىقابەتلىشىدۇ.
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى گۇرۇپپىسىدىكى بىرىنچى مۇسابىقىسىدە، ئالبانىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يەڭگەن ئىدى.
مولدوۋا كوماندىسى گۇرۇپپىدىكى بىرىنچى مۇسابىقىسىدە، ئۆز مەيدانىدا 4 كە قارشى 1 نەتىجە بىلەن فىرانسىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.
تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى مولدوۋا كوماندىسى بىلەن بۈگۈنگىچە چۈشكەن مۇسابىقىلىرىدە يەتتە قېتىم ئۇتۇپ، ئىككى قېتىم تەڭلەشكەن بولۇپ، 2017-يىلىدىكى ئاخىرقى مۇسابىقىدىمۇ 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭگەن ئىدى.
تۈركىيە-مولدوۋا مۇسابىقىسىغا ئۇكرائىنا پۇتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ ئەزاسى سېرگې بويكو رېپېرلىق قىلىدىغان بولۇپ، مۇسابىقە ئەنقەرە ۋاقتى 20:00 دە، ئۈرۈمچى ۋاقتى 23:00 تە باشلىنىدۇ. مۇسابىقە جەريانى 1-ت ر ت قانىلىدا ۋە ت ر ت رادىيوسىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ.