فەنەرباھچە كوماندىسى رۇسىيە كوماندىسىنى ئۆز مەيدانىدا يەڭدى

فەنەرباھچە كوماندىسى ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (UEFA) نىڭ ئاخىرقى 32-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، رۇسىيەنىڭ زېنىت كوماندىسىنى ئۆز مەيدانىدا كۈتۈۋالدى.

1144566
فەنەرباھچە كوماندىسى رۇسىيە كوماندىسىنى ئۆز مەيدانىدا يەڭدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەنەرباھچە كوماندىسى ئۈلكەر تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، دەسلەپتە ئۈستۈنلۈك باشلىدى. 21-مىنۇتتا بۇلۇڭ توپنى قولغا كەلتۈرگەن فەنەرباھچە كوماندىسى قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزدى.

 43-مىنۇتتا زېنىت كوماندىسى توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويدى.

فەنەرباھچە كوماندىسى ئىككىنچى مەيداندىمۇ رەقىپ كوماندىغا بېسىم قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. فەنەرباھچەنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا بىر قانچە قېتىم توپ تەپكەن بولسىمۇ، بىراق نەتىجە بەرمىدى. مۇسابىقە فەنەرباھچەنىڭ 0 گە قارشى 1 نومۇر ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئىككى كوماندىنىڭ مۇسابىقىسى 21-فېۋرال رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. زېنىت كوماندىسى ساھىبخان كوماندا بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر