فەنەرباھچە ۋاسكېتبول كوماندىسى ئىسپانىيە كوماندىسىنى كۈتۈۋالىدۇ

فەنەرباھچە بەكو ۋاسكېتبول كوماندىسى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ 16-ھەپتىلىك مۇسابىقىسىدە، ئەتە (4-يانۋار) ئىسپانىيەنىڭ باسكونىيا كوماندىسىنى كۈتۈۋالىدۇ.

1118788
فەنەرباھچە ۋاسكېتبول كوماندىسى ئىسپانىيە كوماندىسىنى كۈتۈۋالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەنەرباھچە كوماندىسى بىلەن ئىسپانىيەنىڭ باسكونىيا كوماندىسى ئۈلكەر تەنتەربىيە ۋە پائالىيەت زالىدا مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. مۇسابىقە ئەنقەرە ۋاقتى20:45 تە، ئۈرۈمچى ۋاقتى 23:45 تە باشلىنىدۇ.

فەنەرباھچە كوماندىسى ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە 14 قېتىم غەلىبە قىلىپ، بىر قېتىم ئۇتتۇرۇپ قويدى.

فەنەرباھچە باسكونىيا كوماندىسىنىمۇ ئۇتۇپ، 12 قېتىملىق مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا.

باسكونىيا كوماندىسى بىرلەشمە مۇسابىقىدە يەتتە قېتىم، سەككىز قېتىم ئۇتتۇرۇشتەك تەقدىرگە دۇچ كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر