گالاتاساراي ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇرۇپپىسىدىكى بەش مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى

گالاتاساراي ۋاسكېتبول كوماندىسى ئىتالىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇش بىلەن گۇرۇپپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە بەش مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويۇشتەك قىسمەتكە ئۇچرىدى.

1093086
گالاتاساراي ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇرۇپپىسىدىكى بەش مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گالاتاساراي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ياۋروپا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ A گۇرۇپپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 8-ھەپتىلىك مۇسابىقىلەردە، ئىتالىيەنىڭ گېرمانى برېسكيا لېئونېسسا كوماندىسىغا 86 گە قارشى 65 نومۇر بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن، گالاتاساراي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇرۇپپىسىدا بەش مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغان بولدى. ئىتالىيە كوماندىسى بولسا، گۇرۇپپىدىكى 3-غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

مۇسابىقىنى ياخشى باشلىغان ۋە مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە 18 گە قارشى 26 نومۇر بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن برېسكيا لېئونېسسا كوماندىسى، بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىنى 40 قا قارشى 48 نومۇر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى. ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىدە بولسا، گالاتاساراي كوماندىسىنىڭ بەش نومۇر ئېلىشىغا يول قويدى ۋە نەتىجىنى 45 كە قارشى 66 گە چىقاردى.

ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقە برېسكيا لېئونېسسا كوماندىسىنىڭ 65 كە قارشى 86 نومۇرغا ئېرىشىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر