تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيىتى ئەرزۇرۇمدا باشلاندى

5-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيىتى ئەرزۇرۇم ۋالىي مەھكىمىسى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرستېتىنىڭ قوللىشى بىلەن «گۈنەش ۋەخپى» تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلدى.

1067403
تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيىتى ئەرزۇرۇمدا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرزۇرۇم ۋالىي مەھكىمىسى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرستېتىنىڭ قوللىشى بىلەن «گۈنەش ۋەخپى» تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيىتى» قوش مۇنار مەدرىسەسى ئالدىدا پاراتتىن ئۆتۈش بىلەن باشلاندى.

پائالىيەتكە، قوللىرىدا تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ بايراقلىرىنى ۋە ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ قاتناشقان نۇرغۇن كىشىلەر، «شېھىتلەر ئۆلمەس، ۋەتەن بۆلۈنمەس»، «ۋەتەن ساڭا جېنىم پىدا» دەپ شوئار توۋلىغىنىچە ياكۇتىيە شەھەر مەيدانىغا قاراپ پىيادە يۈرۈدى.

بىلال ئەردوغان مەيداندىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ئۇ ئەنئەنىگە ئايلانغان «5-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيىتى» نىڭ ئەرزۇرۇمدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈرك كىملىكى ۋە ئېتىقادىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ھەر خىل ۋەسىلە بىلەن موڭغۇلىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆبېكستان، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، سانجاق ۋە ئىيوردانىيە كۆڭۈل جۇغراپىيەمىزدىكى نۇرغۇن جايلارنى زىيارەت قىلدىم. شۇنى كۆردۈمكى، كۆڭۈل جۇغراپىيەمىزدە، مىليونلار، يۈز مىليونلار تۈركىيەگە، ئەنقەرەگە، ئىستانبۇلغا تەلپۈنىدىكەن. بىز ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشىمىز ۋە يول-نىشانىنى كۆرسىتىشىمىز، ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر