سۈرىيەلىكلەرگە قىلىنىدىغان ياردەمنىڭ %35 ى ھەل قىلىنغان
2011-يىلدىن تارتىپ ئىچكى ئۇرۇش ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان سۈرىيە ئىچىدە ياكى مۇساپىر ھالىتىدىكى مىليونلارچە سۈرىيەلىكلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان تەخمىنەن 2 مىليارد دوللار ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ %35 ى ھەل قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىياتى 2011-يىلدىن تارتىپ ئىچكى ئۇرۇش توختىمايۋاتقان سۈرىيەدە ۋە قوشنا دۆلەتلەردە پاناھلانغان مىليونلارچە سۈرىيەلىكلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان تەخمىنەن 2 مىليارد دوللارنىڭ %35 نىڭ ھەل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ باياناتچىسى بابور بالوچ سۈرىيە ئىچىدە يۇرت-ماكارنلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان 6.2 مىليون ۋە قوشنا دۆلەتلەردە پاناھلانغان 5.6 مىليون سۈرىيەلىكنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەنىڭ يېتەرسىزلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.
باياناتچى بالوچ ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ رايوندىكى 1.3 مىليون سۈرىيەلىك ۋە دۆلەت ئىچىدە يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ياكى يۇرت-ماكانلىرىغا قايتقان 1.35 مىليون سۈرىيەلىكنىڭ قىشلىق ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ب د ت دىكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:
«تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ياردەم قىلىنماستىن، بىۋاستە ياردەملەر نويابىر ئېيىدا توختىتىلىدۇ. بۇ ئەھۋال كۆپىنچىسى كەمبەغەللىك چېكىدە ياشاۋاتقان ئىيوردانىيە بىلەن لىۋاندىكى مۇساپىر ئائىلىلەرگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.»
ئۇ ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ يېڭى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2018-يىلىغىچە دۇنيا مىقياسىدا 68.5 مىليون كىشىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.