ھىندىستانلىق دېڭىزچى ھىندى ئوكياندا قۇتقۇزۇشنى كۈتمەكتە

2018-يىل 1-ئىيۇل فىرانسىيەدىن باشلانغان ئالتۇن شار يەلكەنلىك قولۋاقتا يەر شارىنى ئايلىنىش مۇسابىقىسىدە يارىلانغان ھىندىستانلىق دېڭىزچى ئابھىلاش تومىنىڭ ئاۋستىرالىيەدىن 3200 كىلومېتىر يىراقلىقتا قۇتقۇزۇشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.

1055427
ھىندىستانلىق دېڭىزچى ھىندى ئوكياندا قۇتقۇزۇشنى كۈتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۈمە كۈنى (21-سېنتەبىر) ئالتۇن شار يەلكەنلىك قولۋاق مۇسابىقىسى جەريانىدا ھىندى ئوكياندا يارىلانغان ھىندىستانلىق دېڭىزچى ئابھىلاش تومى ھازىرغىچە قۇتقۇزۇشنى كۈتمەكتە.

ئاۋستىرالىيە تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى قولۋاق تۈۋرۈكىنىڭ بوراندا سۇنۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن بەل قىسمىدىن ئېغىر يارىلانغان ۋە ئاۋستىرالىيەدىن 3200 كىلومېتىر يىراقلىقتا قۇتقۇزۇشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان 39 ياشلىق تومىنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشماقتا ئىكەن.

ئاۋستىرالىيە دېڭىزچىلىق بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ قۇتقۇزۇش ۋە ئىزدەش ئىشلىرى مۇدىرى ئالان للويد فىرانسىيەنىڭ تەكشۈرۈش پاراخوتى ئوسىرىس (Osiris) نىڭ بۈگۈن (24-سېنتەبىر) قولۋاق بار جايغا يېتىپ بارىدىغانلىقىنى ۋە دېڭىزچىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە چەكلىك مەلۇماتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

قۇتقۇزۇش خادىملىرى ھىندىستانلىق دېڭىزچىنىڭ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغانلارغا ئېغىر يارىلانغانلىقى ۋە يېمەك يىيىش ئۈچۈنمۇ ھەرىكەت قىلالمىغانلىقى ئۇچۇرىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسى ئالاھىدە قىسمىنىڭ ئەسكىرى بولغان تومى سۈنئىي ھەمراھ تېلېفونىنىڭ بوراندا سۇنۇپ كېتىشى سەۋەبىدىن مەسئۇل خادىملارغا ئۇچۇر ئەۋەتىپ ئالاقە ئورناتقان. ئۇ ئۇچۇرىدا: «ماڭالمايۋاتىمەن، قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدىم، قولۋاقتا بىخەتەر تۇرۇۋاتىمەن، سۈنئىي ھەمراھ تېلېفونوم ئىشلىمەيۋاتىدۇ» دەپ يازغان.

ھىندىستانلىق دېڭىزچىنىڭ ماڭالمىغانلىقى ئۈچۈن زاپاس سۈنئىي ھەمراھ تېلېفونىنى ئىشلىتەلمىگەنلىكى پەرەز قىلىندى.

ئاۋستىرالىيە ۋە ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ ئىككى ئايروپىلانى يەكشەنبە كۈنى (23-سېنتەبىر) قولۋاق بار جايدا ئەھۋالنى كۆزەتكەن، بىراق تومى بىلەن ئالاقە ئورنىتالمىغان.

ئالتۇن شار يەلكەنلىك قولۋاق مۇسابىقىسى مۇساپىسىنىڭ ئۇزۇن ۋە ئىنتايىن قىيىن بولۇشى سەۋەبىدىن دۇنيادىكى ئەڭ تەس دېڭىز مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ. يەر شارىنى يالغۇز، قۇرۇقلۇققا ئاياق باسماي ۋە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىدىن باشقا ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىش چەكلىنىدىغان مۇسابىقە، 1968-يىلدىن تارتىپ ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.

ھىندىستانلىق دېڭىزچى ئابھىلاش تومى ۋە ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن 18 دېڭىزچى   قاتناشقان مۇسابىقە، 2018-يىلى 1-ئىيۇل فىرانسىيەنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ساھىلىدىكى لېس سابلېس دولوننې شەھىرىدىن باشلانغان.

مۇسابىقىگە قاتناشقان باشقا دېڭىزچىلار بورانغا دۇچ كەلمەسلىك ئۈچۈن شىمالدىن ماڭغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر