بەشىكتاش كوماندىسى گۇرۇپپىسىدا تاللاندى

بەشىكتاش كوماندىسى ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى (UEFA) نىڭ مۇسابىقىلىرىدە گۇرۇپپىدىن تاللاندى.

1040872
بەشىكتاش كوماندىسى گۇرۇپپىسىدا تاللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەشىكتاش ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىلىرىدە، سېربىيەنىڭ پارتىزان كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، گۇرۇپپىسىدا قالدى.

ۋودافون تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، بەشىكتاش كوماندىسىنىڭ ماھىرى پەپە ئىككى توپ، ئوغۇزخان ئۆزياقۇپ بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 0 گە قارشى 3 كە چىقاردى. بەشىكتاش كوماندىسى ئۈچ ئايلانما شاللاش مۇسابىقىسىدىن ئۆتۈپ، گۇرۇپپىسىدا مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرۇش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

بەشىكتاش كوماندىسى بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بەش قېتىم شاللاش مۇسابىقىلىرىدىن ئۆتكەن ۋە ئىككى قېتىم بىۋاستە گۇرۇپپىسىدا مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.

بەشىكتاش كوماندىسىنىڭ گۇرۇپپىسىدا مۇسابىقىگە چۈشىدىغان كوماندىلار بۈگۈن (31-ئاۋغۇست) موناكودا چەك تاشلايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر