گالاتاساراي دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىلەردە ئەڭ يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشتى
سپور توتو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرى ئۈچىنچى ھەپتىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى مۇسابىقە بىلەن ئاخىرلاشتى.
1039213
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشمە مۇسابىقىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدە، مېدىپول باشاكشەھىر كوماندىسى بىلەن ئاكھىسارسپور كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقىدە، مېدىپول باشاكشەھىر كوماندىسى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ئاكھىسارسپور كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى.
ھەپتە ئاخىرىدا، ئايتەمىز ئالانياسپور كوماندىسىنى مەيدانىدا كۈتۈۋالغان گالاتاساراي كوماندىسى 0 گە قارشى 6 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى.
گالاتاساراي كوماندىسى 9 نومۇر بىلەن بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى. قاسىمپاشا كوماندىسى بولسا ئىككىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى. ئايتەمىز ئالانياسپور كوماندىسى نومۇرغا ئېرىشەلمىدى.