ياۋروپا يېنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىلىرى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ياۋروپا يېنىك ئاتلىتكا چېمپىيونلۇقىدا ئېرىشكەن مېدال سانى جەھەتتەدا 13-بولدى.

1031388
ياۋروپا يېنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىلىرى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە پايتەىتى بېرلىندە ئۆتكۈزۈلگەن يېنىك ئاتلىتكا تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ئاخىرلاشتى. تۈركىيە ماھىرلىرى بىر ئالتۇن مېدال، ئىككى كۈمۈش مېدال ۋە ئىككى مىس مېدالغا ئېرىشىپ، مېدال سانىنى بەشكە چىقاردى.

ئەرلەر 200 مېتىرغا يۈگرەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، تۈركىيە ماھىرى رامىل گۇلىيېۋ رېكورت بۇزۇپ، بىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. كۈمۈش مېدالنى100X 4 غا كۈچ ئۇلاپ يۈگرەش ۋە مېيىپلارنىڭ 400 مېتىرغا يۈگرەش تۈرىدە ياسمانى كوپېللو ئېسكوبار قولغا كەلتۈردى.

ئەرلەر 100 مېتىرغا يۈگرەش تۈرىدە ژاك ئەلى ھارۋېي بىر مىس مېدالغا، ئاياللار 5 مىڭ مېتىرغا يۈگرەش تۈرىدە ياسەمىن جان بىر مىس مېدالغا ئېرىشتى.

ئەنگلىيە يەتتە ئالتۇن مېدال، بەش كۈمۈش مېدال ۋە ئالتە مىس مېدال، جەمئىي 18 مېدالغا ئېرىشىپ، بىرىنچى بولدى.

پولشا يەتتە ئالتۇن مېدال، تۆت كۈمۈش مېدال ۋە بىر مىس مېدال، جەمئىي 12 مېدالغا ئېرىشىپ، ئىككىنچى بولدى.

ساھىبخان گېرمانىيە بولسا، ئالتە ئالتۇن مېدال، يەتتە كۈمۈش مېدال ۋە ئالتە مىس مېدال، جەمئىي 19 مېدالغا ئېرىشىپ، ئۈچىنچى بولدى. گېرمانىيە گەرچە مېدال سانىدا ھەممىدىن كۆپ بولسىمۇ، بىراق ئالتۇن مېدال سانى جەھەتتە ئەنگلىيە ۋە پولشادىن ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈچىنچى رەتكە تىزىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر