فىرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى

فىرانسىيەنىڭ 2018-يىللىق خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (FIFA) دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە كىرودىيەنى 2 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن يىڭىپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، مەملىكەت مىقياسىدا جۇشقۇنلۇق كەيپىيات ئىچىدە تەبرىكلەندى.

1013496
فىرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 15-ئىيۇل فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن كىرودىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. فىرانسىيە خەلقى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا پارىژ، لىئون، بوردېكس، رېننېس، نانتېس، مونپپېللىيېر، نايس، مارسىليا قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى مەيدانلارغا ئورنىتىلغان چوڭ تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدا مۇسابىقىنى كۆردى.

ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دۇنيا لوڭقىسىنى مۇزېيىغا قويۇشقا مۇيەسسەر بولغان فىرانسۇز خەلقى، 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن كوچىلارنى لىق تولدۇرۇپ، ھاياجان بىلەن تەبرىكلىدى ۋە "تەشەككۈرلەر كۆك مايكىلىقلار"، "بىز دۇنيا چېمپىيونى" دەپ شوئار توۋلىدى.

فىرانسىيەنىڭ سىمۋوللىرىدىن ئېفىل مۇنارىنىڭ ئالدىدىكى چەمپ دې مارس مەيدانىغا ئورنىتىلغان تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدا 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىنى كۆرگەن پۇتبول ھەۋەسكارلىرى، دۆلىتىنىڭ بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ، خۇشاللىق مىنۇتلارنى باشتىن كەچۈردى. ئۇلار غەلىبىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى قىلدى.

پارىژدىكى دۇنياغا داڭلىق چەمپس ئېلسى كوچىسىدىمۇ دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنىڭ ھاياجانلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بار ئىدى. بۇ يەردىمۇ پۇتبول ھەۋەسكارلىرى فىرانسىيەنىڭ غەلىبىسىنى بايراقلارنى لەپىلدىتىپ ۋە ناخشا-ئۇسسۇل ئويناپ تەبرىكلىدى.

فىرانسىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى دىدىيېر دېسچەمپس مۇسابىقىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ۋە كوماندا نامىدا ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: "پۇتبولچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىنتايىن چوڭ چېمپىيونلۇقتۇر" دېدى.

فىرانسىيەنىڭ بىر قانچە تونۇلغان سىياسەتچىلىرىمۇ دۆلەت تارىخىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ خۇشاللىقىنى خاتىرىلەپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىغا تەشەككۈر ئېيتتى. باش مىنىستىر فىلىپپې بولسا: "فىرانسىيە دۇنيا چېمپىيونى، نېمە دېگەن قالتىس مۇسابىقە ھە! دۇنيا لوڭقىسى نېمە دېگەن گۈزەل! نېمە دېگەن قالتىس كوماندا! سىلەر دۆلىتىمىزنىڭ شەرىپى، ياشاپ كېتىڭلار!" دېگەن ئۇچۇرىنى ھەمبەھىرلىدى.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې جرىيان فىرانسىيەنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ تېلېفون قىلغانلىقىنى  بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر