تۈركىيە دۆلەتلىك مېيىپلار پۇتبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى

تۈركىيە دۆلەتلىك مېيىپلار پۇتبول كوماندىسى ئەنگلىيە دۆلەت كوماندىسىنى يېڭىپ ياۋروپا چېمپىيونى بولدى.

823585
تۈركىيە دۆلەتلىك مېيىپلار پۇتبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەتلىك مېيىپلار پۇتبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى.

تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا مېيىپلار پۇتبول فېدراتسىيەسى ياۋروپا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۈركىيە كوماندىسى ئەنگلىيە كوماندىسىنى 1گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يېڭىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.

مۇسابىقىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ خوشاللىقىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىپادىلەشكەن تۈركىيە مېيىپلار پۇتبول كوماندىسى ماھىرلىرى ھاياجاندىن يىغىلاشتى.

تۈركىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈپ مەيداننى كېزىپ چىققان ماھىرلار دۆلەت مارشى ئوقۇپ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭراتقان تاماشىبىنلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى.

ماھىرلار مېدال ۋە لوڭقىلارنى ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئوسمان ئاشكىن باكنىڭ قولىدىن تاپشۇرۇپ ئالدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا مېيىپلار پۇتبول فېدراتسىيەسى ياۋروپا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان تۈركىيە دۆلەت كوماندىسىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر