مىزگىن ئاي چىمپېيون بولدى

كېنىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يىنىك ئاتلىتىكا مۇسابىقىسىدە تۈركىيە ماھىرى مىزگىن ئاي ئاياللار 100 مېتىرغا يۈگرەشتە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

770753
مىزگىن ئاي چىمپېيون بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا يىنىك ئاتلىتكا فېدېراتسىيەلىرى بىرلىكى (IAAF) تەرىپىدىن كېنىيە پايتەختى نايروبىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللار يۈگرەش مۇسابىقىسىدە، 17 ياشلىق تۈركىيە ماھىرى مىزگىن ئاي 11 سېكۇنت 62 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

مىزگىن ئاي مۇسابىقىدىن كېيىن سۆز قىلىپ: «دۇنيا يىنىك ئاتلىتكا تارىخىدا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تۇنجى قېتىم ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزەمنى پەخىرلىك ھېس قىلىمەن. ئىنتايىن خۇشالمەن، ھەتتا بۇنىڭغا ئىشىنەلمەيۋاتىمەن.» دېدى.

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ مىزگىن ئايغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر