تۈركىيە ياشلار قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىغا تۇنجى قېتىم ساھىبخانلىق قىلدى

تۈركىيە تۇنجى قېتىم ساھىبخانلىق قىلغان 2017-يىللىق ياۋروپا ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھەشەمەتلىك مۇراسىملار بىلەن ئەرزۇرۇمدا باشلاندى.

671107
تۈركىيە ياشلار قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىغا تۇنجى قېتىم ساھىبخانلىق قىلدى
eyof 2017-5.jpg
eyof 2017-4.jpg
eyof 2017-3.jpg
eyof 2017-2.jpg
eyof 2017-1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تۇنجى قېتىم ساھىبخانلىق قىلغان 2017-يىللىق ياۋروپا ياشلار ئولىمپىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى ئەرزۇرۇمدا باشلاندى.

كىشىلەر ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشىغا قارىماي ئولىمپىك مەيدانىنى لىق تولدۇردى. مۇراسىمدا، تەنھەرىكەتچىلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ پاراتتىن ئۆتتى. تەنتەربىيە مىنىستىرى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ مۇراسىمنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلدى. ئۇ: «دۇنيانى كىرلىتىشكە ئۇرۇنغان يامان نىيەتلىك كىشىلەر بار بولسىمۇ، ئەمما دۇنيانى ياخشىلاش ۋە تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ» دېدى.

تەنھەرىكەتچى سەردار دېنىز تەنھەرىكەتچى ئايشە دۇرۇلۇدىن ئولىمپىك مەشئىلىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مەشئەلگە ئوت ياقتى.

مۇراسىمدا، 190 ئۇسسۇلچى ئولىمپىك مەيدانىدا نومۇر كۆرسەتتى، چەۋەندازلار مەيداندا ئات چاپتۇرۇپ ماھارەت كۆرسەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر