ئەڭ ياخشى پۇتبولچىلارغا مۇكاپات بېرىلىدۇ

2016-يىلىنىڭ ئەڭ ياخشى پۇتبولچىلىرىغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 9 – يانۋار شىۋېيتسارىيەنىڭ زۇرىخ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

643224
ئەڭ ياخشى پۇتبولچىلارغا مۇكاپات بېرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2016-يىللىق پۇتبولچىلارنى باھالاش ۋە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇراسىمدا كىنو ئارتىسى ئېۋا لونگورىيا بىلەن تېلېۋىزىيە پىروگرامما خادىمى ماركو سچرېيىل رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

فىرانسىيەلىك ۋاسكېتبولچى تونى پاركېرنىڭ بۇرۇنقى ئايالى ئارتىس ئېۋا لونگورىيا «ئۈمىدسىز ئائىلە ئاياللىرى» ناملىق قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا داڭق چىقارغان ئىدى. گېرمانىيەلىك تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى ماركو سچرېيىل بولسا، «پوپ ئىدول» ۋە «تالانت سەھنىسى» قاتارلىق پىروگراممىلاردا رىياسەتچىلىك قىلغان ئىدى.

مۇراسىمدا، ئايال ۋە ئەرلەر بويىچە 2016-يىلنىڭ ئەڭ ياخشى پۇتبولچىلىرى، تېرىنىرلىرى بولۇپ، 11 تۈر بويىچە مۇكاپات تارقىتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر