قول قايرىشتا كامۇزنى ھېچكىم يىڭەلمىدى

ياۋروپادا ھەتتا دۇنيادا تۈركىيەلىك مېيىپ تەنھەرىكەتچى فاتىھ كامۇزنىڭ قولىنى قايرىيالايدىغان تەنھەرىكەتچى چىقمىدى.

601426
قول قايرىشتا كامۇزنى ھېچكىم يىڭەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېيىپ تەنھەرىكەتچى فاتىھ كامۇز قول قايرىش تۈرى بويىچە چىمپېيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىلىرىدە، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە. ئۇ توققۇز مېدالغا ئېرىشكەن بولۇپ، تۆتى خەلقئارالىق مېدال. ئۇ 2015-يىلى تۈركىيەدە 55 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن قول قايرىش مۇسابىقىسىدە ئوڭ قولدا، 2015-يىلى دېكابىر ئېيى ۋە 2016-يىلى ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن قول قايرىش مۇسابىقىسىدە ھەر ئىككى قولدا چىمپېيونلۇققا ئېرىشىپ، بەش ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.

ئۇ تۈركىيە دۆلەتلىك كوماندىغا تاللانغاندىن كېيىن، 21-29-مايدا رۇمېنىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا قول قايرىش چىمپېيونلۇقىدا ھەر ئىككى قولدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. 2-9-ئۆكتەبرى كۈنلىرى بۇلغارىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا قول قايرىش چىمپېيونلۇقىدىمۇ ھەر ئىككى قولدا ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەن فاتىھ كامۇز ئۈچ يىل بۇرۇن باشلىغان قول قايرىش مۇسابقىلىرىدە ئېرىشكەن تۆت خەلقئارالىق مۇكاپاتىنى قوشقاندا جەمئىي توققۇز مېدالنى قولغا كەلتۈردى.

مېيىپ تەنھەرىكەتچى فاتىھ كامۇز 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پارالىمپىكتە مېيىپلارنىڭ قول قايرىش مۇسابىقسى تەسىس قىلىنغان ئەھۋالدا چمپېيون بولۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر