تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە يېڭى دەۋر

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (12)

2118997
تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە يېڭى دەۋر

تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە يېڭى دەۋر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك بۆلۈمىدە، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىتى تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانىلىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. 

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ باياناتىدىن كېيىن، خاقان فىداننىڭ رايوننى زىيارەت قىلىشى ۋە ئاخىرىدا بۇ ساھەدە تاشلانغان قەدەملەر تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش جەھەتتە ئىراق ۋە سۈرىيە مەيدانىدا يېڭى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى باشلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئامېرىكانىڭ رايوندىن چېكىنىش ياكى چېكىنمەسلىكى، رۇسىيە ۋە ئىران قاتارلىق ئاكتىيورلارنىڭ تاشلايدىغان قەدەملىرى تۈركىيەنىڭ مەزكۇر ھەرىكەت ئۇسۇلىنى بەلگىلەيدىغاندەك قىلىدۇ.

تۈركىيەگە نىسبەتەن رايوننىڭ ھەرىكەتچانلىقى ئىجابىي تەرەققىياتلارنى كۆرسەتمەكتە. بولۇپمۇ باغداد ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي ۋە دىپلوماتىك سۆھبەتلەر تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە تۇنجى قېتىم نەتىجىگە ئېرىشىشكە باشلىدى. ئىراق ھۆكۈمىتى پ ك ك نى رەسمىي يوسۇندا چەكلەنگەن تەشكىلات قاتارىغا كىرگۈزدى. بىرلەشمە بىخەتەرلىك مېخانىزمى بىلەن ئىراقتا پ ك ك  غا قارشى تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىندى. تۈركىيە ئاخىرىدا باغداد ۋە ئەربىل ھۆكۈمىتى بىلەن ماسلىشىپ، پ ك ك غا قارشى كۈرەش ئارزۇسىدا بولغانغا ئوخشاش، باغداد دائىرىلىرىنىڭمۇ ئەمدىلىكتە پ ك ك بالاسىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنىڭ كۈچلۈك ئالامەتلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. نەتىجىدە تۈركىيە بىلەن ئىراقنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىنتايىن زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى مەۋجۇت. سودا مىقدارىنىڭ كۆپىيىشى، سۇ مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك باشقۇرغىلى بولىدىغان ھالغا كەلتۈرۈلۈشى ، تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىراققا سالىدىغان مەبلەغلىرىنىڭ ئېشىشى كۈنتەرتىپتە. بولۇپمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ كېلەر ئاي باغدادنى زىيارەت قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ دائىرىدە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە تېخىمۇ كونكرېت قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشقا باشلايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلەيمىز.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تەرەققىيات يولى لايىھەسى دائىرىسىدە پارس قولتۇقىدىن باشلىنىپ، ئىراق ئارقىلىق تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدىغان يەر شارى تىرانسپورت لىنىيەسى قۇرلۇشى توغرىسىدا تەرەپلەرنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى ۋە بۇنىڭغا مەبلەغ سېلىش باشلانغانلىقىمۇ پ ك ك مەسىلىسىنىڭ چوقۇم ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يەنە بىر ئىلگىرىلەش سۈپىتىدە ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. بۇ نۇقتىدا ئەلۋەتتە ئىراننىڭ ئوينايدىغان رولىمۇ ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر ئىران خالىسا، باغدادقا بولغان تەسىرىدىن پايدىلىنىپ بۇ ھەمكارلىققا زىيان يەتكۈزۈشى ۋە تۈركىيە كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە پ ك ك غا قارشى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل  قەدەم تاشلاشقا مەجبۇر بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئەمما بۇنىڭ نە  ئەنقەرەگە، نە  باغدادقا پايدىلىق ئەمەسلىكى ئېنىق.

تۈركىيەگە نىسبەتەن يەنە بىر مۇھىم تېما سۈرىيە ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىش ياكى چېكىنمەسلىك  مەسىلىسى ئاساسلىق كۈنتەرتىپنى بەلگىلەيدۇ. ئەمما، تۈركىيەنىڭ ئىراقتا تاشلايدىغان قەدەملىرى، بولۇپمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراق-سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇلىنىشىنى كېسىپ تاشلاش سۈرىيە مەيدانىغا ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۈركىيە ھازىر  توقۇنۇش لىنيەسىدە پ ك ك غا ئۇرۇش پىرىنسىپلىرى دائىرىسىدە مۇئامىلە قىلماقتا. ئەمما، پات-پات  پ ك ك  نىڭ نۇقتىلىق كاتتىباشلىرى  سۈرىيەدە تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى (MİT) تەرىپىدىن ھۇجۇم نىشانى قىلىنماقتا. شۇنداقتىمۇ  كەڭ دائىرىلىك بىر ھەربىي ھەرىكەت باشلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىقىدىغان ياكى چىقمايدىغانلىقى ئايدىڭلىشىشى لازىم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر