«نەھجۇل فەرادىس» ناملىق ئەسەر

ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار (07)

2101601
«نەھجۇل فەرادىس» ناملىق ئەسەر

«نەھجۇل فەرادىس» ناملىق ئەسەر

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نازگۈل قادىروۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان «ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىدىكى سانىدا، خارازىم دەۋرىدە يېزىلغان «نەھجۇل فەرادىس» ناملىق ئەسەرنىڭ تۈرك تىلىغا قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە توختىلىمىز.

**** **** ***** ****

مەنىسى «جەننەتلەرنىڭ ئوچۇق يولى» دېگەننى بىلدۈرىدىغان «نەھجۇل فەرادىس» ناملىق ئەسەر خارازىم دەۋرىدىكى مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاپتورى مەھمۇد بىن ئەلىدۇر. مەنبەلەردە ئاپتورى ھەققىدە ئىنتايىن چەكلىك مەلۇماتلار بار. ئۇ خارازىمنىڭ كەردەر شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، 1360-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرنى 1358-يىلدىن بۇرۇن يازغانلىقى مەلۇم.

«نەھجۇل فەرادىس» قىرىق ھەدىس ژانىرىدىكى 444 بەتتىن تەركىب تاپقان دىداكتىك ئەسەر بولۇپ، تۆت باب ۋە 40 بۆلۈمدىن تەركىب تاپىدۇ. ھەر بىر بۆلۈم بىر ھەدىس بىلەن باشلىنىدۇ. ھەدىسنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى بېرىلگەندىن كېيىن، مەشھۇر ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن مەزكۇر ھەدىسنىڭ مەنىسىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ماھىيەتتىكى ئانالىز ۋە ھېكايىلەر نەقىل قىلىنىدۇ. باشقا ھەدىسلەر ۋە ئايەتلەر بىلەنمۇ تېمىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ.

بىرىنچى باب، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەزىلەتلىرىگە ۋە ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ۋەھىي، مەدىنەگە ھىجرەت قىلىش، مېراج ۋە پەيغەمبەرنىڭ ۋاپاتى قاتارلىقلار ئورۇن ئالىدۇ. ئىككىنچى بابتا تۆت خەلىپە، ئەھلى بەيت، ھەزرەتى فاتىمە، ھەسەن، ھۈسەيىن ۋە تۆت مەزھەپ ئىماملىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ. ئۈچىنچى بابتا ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ياخشى ئەمەللەردىن ناماز، سەدىقە، روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش، ئاتا-ئانىغا خىزمەت، ھالال يېمەكلىك، سەۋرچانلىق قاتارلىقلار بايان قىلىنىدۇ. تۆتىنچى باب ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرىدىغان ناچار ئەمەللەر ھەققىدە بولۇپ، ناھەق قان تۆكۈش، زىنا، ھاراق، تەكەببۇرلۇق، يالغان دۇنيانى سۆيۈش، رىياكارلىق، ئۆچمەنلىك، ھەسەتخورلۇق، مەغرۇرلۇق ۋە بىپەرۋالىق قاتارلىق يامان ئەمەللەر چۈشەندۈرۈلىدۇ.

*** ** ******* ********

«نەھجۇل فەرادىس» نىڭ ھەجىمىگە قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ خارەزىم دەۋرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەسەر بولغانلىقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ. تەتقىقاتچىلار ئاپتورنىڭ «ئاددىي ۋە ئېنىق» ئۇسلۇبنى قوللانغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاممىنى خەۋەەردار قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە. ئاپتور ئەسەرىدە يەنە، زىر – زەبەر ئىشلىتىش ئارقىلىق دېمەكچى بولغانلىرىنىڭ تېخىمۇ ئاسان چۈشىنىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. ھەر بىر تېمىنى چۈشۈنۈشلۈك دىداكتىك ئەسەرلەر بىلەن بېيىتىپ، تېمىلارنى ئىنتايىن ئوچۇق ۋە ئېنىق چۈشەندۈرگەن.

ئۇ دەۋرلەردە قۇرئاننىڭ تۈركچە تەرجىمىسىنىڭمۇ بارلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئاپتور قۇرئاننىڭ مەۋجۇت تەرجىمىسىنىڭ ئاۋامنىڭ چۈشىنىشىگە تەس ئىكەنلىكىنى ئويلىغان بولسا كېرەك، ئۆزى ئايرىم تەرجىمە قىلغان. چۈشەندۈرۈشلەر ۋە خاتىرىلىرىنى ئۇزارتقان، ۋەقەلەرنى دىداكتىك ئەسەرلەر بىلەن كۈچەيتىپ، ئىمكان قەدەر كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى سۆزلەرنى ئىشلەتكەن. ئاپتورنىڭ بۇنداق تىرىشىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب، ئۇنىڭ ئىسلامنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىلىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدىندۇر. خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىسلامنى قانداق ئىجرا قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىش تىرىشچانلىقىدۇر.

**** ****** **********

«نەھجۇل فەرادىس» نىڭ بۈگۈنكى كۈندە بىلىنگەن 11 نۇسخىسى بار. بۇلار؛ ئىستانبۇل سۇلايمانىيە كۈتۈپخانىسىدىكى ئەڭ پاكىز ساقلانغان نۇسخا «يېڭى جامى بۆلىكى نۇسخىسى، قازانلىق ئالىم شىھابەتتىن مەرجانى كۇتۇپخانىسىدىكى نۇسخىسى، (بۇ نۇسخا كېيىن يوقاپ كەتكەن) پارىژ نۇسخىسى (ئۇنىڭ بېشى ۋە ئاخىرى كەمچىل)، قازان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى نۇسخا، قازان دۆلەت پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا بىر نۇسخا ساقلانماقتا. لېنىنگراد پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدىمۇ ئىككى ئايرىم نۇسخا مەۋجۇت.

«نەھجۇل فەرادىس» ھەققىدە زەكى ۋەلىدى توگان، فۇئات كوپرۇلۇ، جونوس ئېكمان، ئەلى فەھمى قارامانلىئوغلۇ، ئوسمان نەدىم تۇنا ۋە ئايسۇ ئاتا قاتارلىق نۇقتىلىق ئالىملار تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ئىلىم-پەن دۇنياسىغا تونۇشتۇرغان.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، «نەھجۇل فەرادىس» ناملىق ئەسەر ئوتتۇرا ئەسىردىكى تۈرك تىلى، مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى تەتقىقاتلىرى جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، تولىمۇ قىممەتلىك مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەنبەلەر:

1 - Bkz.: Eckmann. (1956): s. VII

2 - Bkz.: Ercilasun. (2004): s. 380-381.

3 - Ercilasun, Ahmet. B. (2004). Başlangıçtan Yirminci Yüzyıla Türk Dili Tarihi. Ankara: Akçağ Yay.

4- Kuyma, Erol, (2015). Harezm Dönemi Türkçesi ve Eserlerine Genel Bir Bakış. Hitit Üniversitesi Sosyal Bilimler Enstitüsü Dergisi. Yıl 8, Sayı 1, Haziran 2015, ss. 367-383.

5- Janos Eckmann, (1956). Nehcü'l-Ferâdîs I, Tıpkıbasım, TDK, Ankara.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر