خارازىم دەۋرىدىكى ئەسەرلەر

ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار (06)

2095330
خارازىم دەۋرىدىكى ئەسەرلەر

خارازىم دەۋرىدىكى ئەسەرلەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نازىگۈل قادىروۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان «ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىدىكى سانىدا، خارازىم دەۋرىدە يېزىلغان ئەسەرلەر ھەققىدە توختىلىمىز...

**** **** ***** ****

 بۈگۈنكى كۈندە ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان چېگراسىغا جايلاشقان خارازىم، 12 - ئەسىردىن بۇيان مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن بىر رايون ئىدى. «خارازىم» دېگەن سۆزنىڭ تۈرك تىلىدىكى بىر دەۋرگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ئەلشىر نەۋايىنىڭ «مەجالىسۇن نەفىس» ناملىق ئەسىرىدە ئالىم ھۈسەيىن خارەزىمىنىڭ تىلغا ئېلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، خارازىم 11 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەزنەۋىيلەرگە تەۋە رايون ئىدى. رايونغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار بولسا، «خارازىم شاھلار» دەپ ئاتالغان ئىدى.

خارازىم شاھلار خاندانلىقى ئوغۇزلارنىڭ بەيدىلى قەبىلىسىدىن ئانۇش تىكىن بىلەن باشلىنىدۇ. بەزى خەلقلەر موڭغۇللارنىڭ ئىستىلاسىغا ئۇچرىغان بۇ رايوندىن كۆچۈشكە باشلايدۇ. خارازىم دۆلىتىگە ئەمەلىي خاتىمە بەرگەنلەر بولسا، موڭغۇللار ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، گەرچە جالالىددىن خارازىم شاھ موڭغۇللارنى ۋە گىرۇزىيەلىكلەرنى بىر قانچە قېتىم مەغلۇب قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دۆلەتنىڭ ئىلگىرىكى كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ. ئانادولۇ سەلجۇقلىرىغا قارشىمۇ ئۇرۇش قىلغان جالالىددىن خارازىم شاھنىڭ بىر ياللانما ئەسكەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن خارازىم شاھلار دۆلىتى مەۋجۇتلۇقىنى رەسمىي يوقاتقان بولىدۇ. بۇ سىياسىي شەكىللىنىشلەرنىڭ نەتىجىسىدە، خارازىم رايونى تۈركلىشىدۇ. رايونغا قاڭقىللار، قىپچاق ۋە ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىشى بىلەن خارازىم تۈركچىسى شەكىللىنىپ، 12-ئەسىردە بىر مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. بۇ دەۋرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە قارىغاندا، ئەرەبچە ۋە پارسچىنىڭ تۈرك تىلىدىكى تەسىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچەيگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۈگۈنگىچە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسىدە خارازىم دەۋرىگە ئائىت ئەسەرلەر بايقالدى ۋە تۈرك تىلى تارىخى بەتلىرىدە ئورۇن ئالدى.

تەرتىپ بويىچە قارىغاندا، خارازىم دەۋرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئەسەرلىرىدىن بىرى؛ زاماھشەرى تەرىپىدىن يېزىلغان «مۇقەددەمەتۇل ئەدەب» تۇر. «ئەدەبىياتنىڭ مۇقەددىمىسى» دېگەننى بىلدۈرىدىغان بۇ ئەسەر، ئەرەب تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن قىسقا جۈملە ۋە سۆزلەردىن تەركىب تاپقان قوللىنىشچان لۇغەت ھېسابلىنىدۇ.

يەنە بىر ئەسەر، رابغۇزىنىڭ 1311-يىلى يازغان پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى مەزمۇن قىلغان «قىسسەسۇل ئەنبىيا» دۇر. «مۇنىئۇل مۇرىت» ناملىق ئەسەر بولسا، «مۇرىتنىڭ ياردەمچىسى» دېگەننى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، «ئىسلام» ناملىق بىر شائېر تەرىپىدىن يېزىلغان ​​900 بېيىتلىق ئەسەردۇر. شۇنىڭدەك خارازىم شائىرى قۇتب تەرىپىدىن يېزىلغان «خۇسراۋ ۋە شېرىن» ناملىق ئەسەرمۇ بۇ دەۋرگە ئائىت بولۇپ، ئەسەر ساسانىيلار ھۆكۈمدارى خۇسراۋ بىلەن ئەرمېنىيە ھۆكۈمدارىنىڭ سىڭلىسى شېرىننىڭ مۇھەببىتىنى مەزمۇن قىلىدۇ ۋە 4370 بېيىتتىن تەركىب تاپقان چوڭ ھەجىملىك ​​ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

مەھمۇد بىن ئەلى تەرىپىدىن يېزىلغان «جەننەتلەرنىڭ ئوچۇق يولى» دېگەننى بىلدۈرىدىغان «نەھجۇل فەرادىس» ناملىق ئەسەرمۇ تۈرك ئەدەبىياتىدىكى 40 ھەدىس تەرجىمىسىنىڭ تۇنجى ئۈلگىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەسەر تۆت بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەر بىر باب 10بۆلۈمدىن تەركىب تاپىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 1353-يىلى خارازىم تەرىپىدىن يېزىلغان «مۇھەببەتنامە» ناملىق ئەسەرمۇ 10 كىچىك نامە شەكلىدە ۋە مەسنەۋى ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بولۇپ، بۇمۇ خارازىم دەۋرىدىكى ئەسەرلەر تىزىملىكىنى تاماملايدۇ. تۈرك ئەدەبىياتىدىكى قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىنىڭ يەنە بىر ئۈلگىسىمۇ خارازىم دەۋرىگە تەۋە تىل ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بېكىتىلگەن بۇ تەرجىمىنىڭ بىردىنبىر نۇسخىسى ئىستانبۇل سۇلايمانىيە كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كىم تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى نامەلۇم لېكىن ئىسمىدىن مەلۇم بولغىنىدەك مىراج ۋەقەسىنى چۈشەندۈرىدىغان «مىراجنامە» ناملىق ئەسەرمۇ بار. بۇ دەۋرگە ئائىىت بىر قانچە پەرمان ۋە مەكتۇپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن قوليازمىلار بولۇپ، بۇ قوليازما ئەسەرلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۇتۇپخانىلاردا ساقلانماقتا.

 بۇ ئەسەرلەر ھەم مەزمۇنى، ھەم تىل ئالاھىدىلىكى بىلەن تۈرك تىلىنىڭ يازما تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. قاراخانىيلار تۈركچىسى بىلەن چاغاتاي تۈركچىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتۈش خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇ ئەسەرلەر، تەتقىقاتلاردا پات-پات تىلغا ئېلىنىپ تۈرىدۇ. ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنلىرىغا قارىغاندا، ئومۇمەن دىداكتىك خاراكتېردە دىنىي تېمىلار مۇلاھىزە قىلىنغان دېيىشكە بولىدۇ. تۈركچە يېزىلىشى جەھەتتە ئەسەرلەر بىزگە ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن بىرگە تۈرك مەدەنىيىتىنىڭمۇ ئەنئەنىۋى ھالەتتە ياشنىتىلغانلىقىنى ۋە قوغدالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

مەنبەلەر:

1. ERCİLASUN, Ahmet. B. (2004). Başlangıçtan Yirminci Yüzyıla Türk Dili Tarihi. Ankara: Akçağ Yay.

2. KUYMA, Erol, (2015). Harezm Dönemi Türkçesi ve Eserlerine Genel Bir Bakış. Hitit Üniversitesi Sosyal Bilimler Enstitüsü Dergisi. Yıl 8, Sayı 1, Haziran 2015, ss. 367-383

3. ATA, Aysu (2002). Harezm-Altınordu Türkçesi, İstanbul.

4. BAYAT, Fuzuli. (2003). Türk Dili Tarihi. Ankara.

[1]Bkz.: Ata. (2002): 13

 

[2]Bkz.: Ercilasun. (2004): 369 

[3]Bkz.: Bayat. (2003): 127



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر