ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك دۆلەتلىرىدە تىل - ئەدەبىياتنىڭ رولى، مۇھىم نامايەندىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى

نازگۈل قادىروۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان «ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىدىكى سانىدا، ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك دۆلەتلىرىدە تىل ۋە ئەدەبىياتنىڭ رولى، مۇھىم نامايەندىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

2093956
ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك دۆلەتلىرىدە تىل - ئەدەبىياتنىڭ رولى، مۇھىم نامايەندىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە، تۈرك تىلى قەدىمكى، ئوتتۇرا ۋە يېڭىدىن ئىبارەت ئۈچ دەۋرگە بۆلۈنىدۇ. بىز «ئوتتۇرا ئەسىر» دەۋاتقان دەۋر، قاراخانىيلار تۈركچىسى ھۆكۈم سۈرگەن 10-ئەسىردىن 15-ئەسىرگىچە بولغان جەرياننى كۆرسىتىدۇ. تارىخىي نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى، تۈركلەرنىڭ ئىسلامنى دۆلەت دىنى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى ئىدى. ئسىلامىيەتنىڭ مەيدانغا كەلگىنىگە 300-350 يىل بولغان 10-ئەسىردە، ئىسلام دىنى سۈرىيە، مىسىر، شىمالىي ئافرىقا، ئىسپانىيە، مىسسوپوتامىيە، ئىران، ئەزەربەيجاننىڭ بىر قىسمى ۋە غەربىي تۈركىستانغا تارقالغانىدى. مەزكۇر 300 يىللىق مۇساپىدە ئىسلام دىنىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلغان يېڭى بىر مەدەنىيەت بارلىققا كەلگەنىدى[1]. بۇ مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلغان تۇنجى مۇسۇلمان تۈرك دۆلىتى — ۋولگا بۇلغار دۆلىتى بولدى[2]. ئەمما، ئىدىل-ۋولگا بۇلغارلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى، باشقا تۈركلەرگە تەسىر كۆرسىتەلمىدى. ئۇ دەۋر تۈرك دۇنياسىنىڭ مەركىزى دۆلىتى — قاراخانىيلار دۆلىتى ئىدى. تارىخىي مەنبەلەردە قارىغاندا، 10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، قاراخانىيلار ھۆكۈمدارى سوتۇق بۇغراخان مۇسۇلمان بولغان. بۇ تۈرك دۇنياسىغا نىسبەتەن ئىنقىلاب خاراكتېرلىك زور ئىش ئىدى. سوتۇق بۇغراخاننىڭ خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى بۇ يېڭى دىنغا كىردى. 10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، سىر (سەيھۇن) دەرياسى بويلىرىدا ياشايدىغان يۈزمىڭلارچە ئوغۇز خەلقى مۇسۇلمان بولدى[3]. سانى ئەڭ كۆپ تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئوغۇز خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى قاراخانىيلار ئىچىدىكى قارلۇق، ياغما، چىگىل، توخار قەبىلىلىرى ۋە غەربىي شىمالدىكى ئىدىل بۇلغارلىرى ئىسلامنى قوبۇل قىلغانىدى. تارىم ئويمانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار، ئېرتىش بويلىرىدىكى كىمەكلەر ۋە يېنىسەي بويلىرىدىكى قىرغىزلار تېخى مۇسۇلمان بولمىغانىدى. ئۇيغۇرلار  بۇدىزم ۋە مانى دىنلىرىغا ئىشىنەتتى، باشقىلار كونا تۈرك دىنىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى.

دىن بىلەن بىرلىكتە بۈيۈك بىر مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلغان تۈرك دۇنياسىنىڭ يېزىق تىلىمۇ ئاساسەن ئەرەبچە ۋە پارسچە ئىدى. ئىلمىي ئەسەرلەردە ئەرەب تىلى، ئەدەبىي ئەسەرلەردە پارس تىلى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيتتى. ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئەرەب ۋە پارس تىللىرى ئىشلىتىلەتتى. ھەتتا، ئۇ دەۋرنىڭ ئۇلۇغ شائىر ۋە ئالىملىرى ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئەرەب ۋە پارس تىللىرىدا يازغانىدى[4]. بۇلار بىلەن بىرلىكتە، قاراخانىيلار دەۋرىدە تۈرك تىلىدا يېزىلىپ، دەۋرىمىزگىچە ساقلىنىپ قالغان ئىنتايىن مۇھىم ئەسەرلەرنىمۇ كۆرىمىز. بۇلار يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن يېزىلغان ئىسلام تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ تۇنجى مەشھۇر ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىگ»؛ مەھمۇد كاشىغەرىي تەرىپىدىن يېزىلغان تۈركچىنىڭ تۇنجى لۇغىتى «دىۋانى لۇغاتىتتۇرك»؛ تۇنجى قۇرئان كەرىم تەرجىمىلىرى؛ ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ ھېكمەت ۋە ئەخلاق كىتابى «ئەتەبەتۇلھەقائىق»ى؛ قانۇن ھۆججەتلىرى ۋە خوجا ئەھمەد يەسەۋى ۋە ئۇنىڭ مۇردلىرى يازغان «دىۋانى ھېكمەت» شېئىرلىرىدۇر. ئەسەرلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەينى دەۋردە ئەرەب ۋە پارسلارنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، مەھمۇد كاشىغەرىي لۇغىتىنى ئەرەبلەگە تۈركچە ئۆگىتىش ئۈچۈن يازغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. يۈسۈپ  خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ»ى تۈركچىنىڭ 11-ئەسىردە ئىلىم تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭ چوڭ گۇۋاھچى ھېسابلىنىدۇ. ئەدىب ئەھمەدنىڭ «ئەتەبەتۇلھەقائىق» ناملىق ئەسىرى  مەقسىتىگە ئۇيغۇن شەكىلدە پۈتۈنلەي نەسىھەت ئۇسلۇبىدا يېزىلغان؛ ئەھمەد يەسەۋىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى شۇكى، ئۇ ئۆزى قۇرغان يەسەۋى تەرىقىتى، بەرگەن تەلىماتلىرى ۋە يازغان شېئىرلىرى ئارقىلىق كۆچمەن تۈرك خەلقىگەن ئىسلام دىنىنى ئاددىي ئۇسۇلدا چۈشەندۈرۈشى ئىدى. ئەھمەد يەسەۋى ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى تۈركلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى ئاددىي تىل بىلەن چۈشىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى. 11-ئەسىردە ئۇيغۇر ۋە ئەرەبچە خەتلەر بىلەن يېزىلغان سوت ھۆججەتلىرى ئەدەبىياتنىڭ ئەمەس، تىل ۋە قانۇن تارىخى كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ. شۇ ئەسىردىكى قۇرئان تەرجىمىلىرىگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ بىرى ئىستانبۇلدىكى تۈرك - ئىسلام ئەسەرلىرى مۇزېيىدا، يەنە بىرى لوندوندا، ئۈچىنچىسى سانت پېتىربۇرگدا ساقلىنىۋاتقان قۇرئان كەرىم تەرجىمىلىرى تۈرك تىلى ۋە دىن تارىخىنىڭ تېمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار تىل تەتقىقاتىدىكى مورفولوگىيە، لۇغەتشۇناسلىق ۋە مەنە جەھەتتە مۇھىم مەنبەلەردۇر.

11-، 12- ئەسىرلەردە يېزىلغان بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان تۈركلەرنىڭ تۇنجى تۈركچە دىن، قانۇن، سىياسىي پەن، جەمئىيەتشۇناسلىق، لۇغەت، گىرامماتىكا ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەسەرلىرىنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىدە بارلىققا كەلگەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردە تۈرك تىلىدا ئەسەرلەرنى يېزىپ، تۈرك تىلىغا خىزمەت قىلغان بىز يۇقىرىدا ئىسىملىرىنى تىلغا ئالغان-ئالمىغان نۇرغۇن ئالىملار سايىسىدا تۈرك تىلى بۈگۈنكى كۈچىگە ئېرىشتى.

 

 

مەنبەلەر:

1. Ercilasun, Ahmet. B. (2007). Makaleler. Dil-Destan-Tarih-Edebiyat. (Yay. Hazırlayan Ekrem Arıkoğlu), Ankara.

2. Sümer, F. (1958). X. Yüzyılda Oğuzlar. Ankara Üniversitesi Dil-Tarih ve Coğrafya Fakültesi Dergisi, 16 (3-4), 131-163.s

3. Koç, D. (2010). Rus Kaynaklarına Göre İlk Müslüman Türk Devleti: İtil Bulgar Devleti. (Doktora Tezi). İstanbul.

 

[1] Bkz.: Ercilasun, Ahmet. B. (2007): s. 162.

[2] Bkz.: Koç, D. (2010): s. 86.

[3] Bkz.: Sümer, F. (1958): s. 145.

[4] Bkz.: Ercilasun, Ahmet. B. (2007): s. 164.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر