يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى

ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

2093952
يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى

يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يادرو ئېنېرگىيەسى تەبىئىي ئېنېرگىيە مەنبەسى چەكلىك دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم؛ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بۇ ئەھۋالنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. نۇرغۇن دۆلەتلەر تاقاش پىلانى تۈزىگەن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ مەشغۇلات مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

تۈركىيەمۇ يادرو تېخنىكىسىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىشقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى رېئاكتورىنىڭ ئۆكتەبىردە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى پىلانلانماقتا. قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، 2023-يىلى 27-ئاپرېل يېقىلغۇ تاياقچىلىرىنىڭ سەپلىنىشى بىلەن، بۇ ئىستانسا بىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ئايلاندى. 1200 مېگاۋاتلىق 4 رېئاكتوردىن تەركىب تاپقان ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 2026-يىلى تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى كۈتۈلمەكتە.

بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندە، ھەر يىلى تەخمىنەن 35 مىليارد كىلوۋات سائەت توك ئىشلەپچىقىرىپ، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ %10 ىنى قاندۇرىدۇ.

ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۇنجىسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بىردىنبىر يادرو ئىستانسىسى بولمايدۇ. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىرى سىنوپتا، يەنە بىرى تراكيادا بولۇپ، ئىككى يېڭى يادرو ئىستانسىسىنىڭ ئۇلىنىڭ سېلىنىشى پىلانلانماقتا.

تەسەۋۋۇردىكىنىڭ ئەكسىچە، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى پارنىك گازى قويۇپ بەرمەيدۇ. شۇڭا، يەر شارىدىكى يادرو رېئاكتورلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ھەر يىلى پارنىك گازى قويۇپ بېرىش نىسبىتىنى %17 ئازايتىش پىلانلانماقتا.

20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن نېفىت كىرىزىسىگە ئەگىشىپ، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇش سۈرئىتى تېزلەشتى. نېفىت ۋە باشقا ھىدرو كاربون زاپىسىغا ئىگە بولمىغان دۆلەتلەر، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىغا يۈزلىنىپ، مەزكۇر مەنبەلەرگە بولغان تايىنىشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىنىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

نۆۋەتتە 32 دۆلەتتە 441 يادرو رېئاكتورى ئىشلىمەكتە، 17 دۆلەتتە 53 يادرو رېئاكتورى قۇرۇلۇۋاتىدۇ. يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان توك دۇنيا توك ئېھتىياجىنڭ تەخمىنەن %10 گە توغرا كېلىدۇ.

فىرانسىيە توك ئېھتىياجىنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى، ئۇكرائىنا %51ىنى،  شىۋېتسىيە تەخمىنەن %30نى، بېلگىيە تەخمىنەن %40نى، ياۋروپا ئىتتىپاقى %26نى، جەنۇبىي كورېيە تەخمىنەن %30نى، ئامېرىكا %20 نى يادرو ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق قامدىماقتا.

دۇنيادىكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارغا قارايدىغان بولساق، ئامېرىكا 100 مىڭ مېگاۋاتقا يېقىن ئاكتىپ ئېلېكتىر ئىستانسىسى كۈچى بىلەن ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالماقتا. ئامېرىكادىن كېيىن، تەرتىپى بويىچە فىرانسىيە، خىتاي، ياپونىيە ۋە رۇسىيە ئورۇن ئالىدۇ.

كىشى بېشىغا 941 ۋات  يادرو ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كۈچى چۈشىدىغان فىرانسىيە بىرىنچى، 853 ۋات چۈشىدىغان شىۋېتسىيە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئۇنداقتا، يادرو ئېنېرگىيەسىنى ئىشلىتىشتە باشلامچى دۆلەتلەردە قانچىلىك رېئاكتور بار؟ قانچىلىك كۈچ ئىشلەپچىقىرىدۇ؟

ئامېرىكا يادرو ئېنېرگىيەسىدە باشلامچى دۆلەت بولۇپ، دۆلەت مىقياسىدىكى 92 ئاكتىپ رېئاكتور ئامېرىكانىڭ توك ئېھتىياجىنىڭ 20 پىرسەنتىنى تەمىنلەيدۇ. نۆۋەتتە يەنە ئىككى رېئاكتور قۇرۇلۇۋاتىدۇ.

ئامېرىكا نۇقتىلىق ھالدا يادرو رېئاكتورى تەتقىقاتى ئېلىپ بارماقتا ۋە بۇ ساھەگە مەبلەغ سېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكانىڭ كونا ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئورنىغا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇش يولىدا خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە، تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلماقتا.

فىرانسىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ %70 ىنى دۆلەت مىقياسىدىكى 56 يادرو رېئاكتورىدىن ئالماقتا. فىرانسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى، ئىستانسىلارنى رېمونت قىلىش جەريانىنى تېزلىتىپ، قىش ئايلىرىدا تېخىمۇ كۆپ رېئاكتورنىڭ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىغا شارائىت ھازىرلىدى.

پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكرون فوسىل (تاشقاتما) يېقىلغۇغا تايىنىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، 14 يېڭى يادرو رېئاكتورى قۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، فىرانسىيە كىچىك مودۇللۇق يادرو رېئاكتورى تېخنىكىسىغا مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلدى.

خىتاي ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئېھتياجىنىڭ 5 پىرسەنتىنى ئاكتىپ ھالەتتىكى 54 يادرو رېئاكتورى ئارقىلىق قامدىماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا 22 رېئاكتورنىڭ قۇرۇلۇشى داۋام قىلماقتا، پىلانى تەستىقلانغان 38 رېئاكتور قۇرۇلۇش باشلاشقا تەييارلانماقتا.

خىتاي 2025-يىلىغا بارغاندا ھەر يىلى ئوتتۇرىچە 6 دىن 8 گىچە يادرو رېئاكتورى ياساپ، 2030-يىلىغا بارغاندا، دۇنيانىڭ بۇ ساھەدىكى ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى دۆلىتىگە ئايلىنىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. 4-ئايدا 6 يېڭى رېئاكتورنىڭ قۇرۇلۇش پىلانىنى تەستىقلىغان خىتاي، بۇ ھەپتە يەنە ئىككى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا 4 يېڭى رېئاكتور ياساشنى تەستىقلىدى.

يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى ئىشلىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان گېرمانىيە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىنىشىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى. گېرمانىيە ئۆتكەن يىلى 6 يادرو رېئاكتورى ئارقىلىق ئومۇمىي توك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 12 پىرسەنتىنى تەمىنلىدى. گېرمانىيە بۇ يىل قىشتا توك ئىشلەپچىقىرىشتا پەيدا بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان قىيىنچىلىقلارنى نەزەردە تۇتۇپ، جىددىي تەدبىرلەرنى يولغا قويدى؛ بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، باۋارىيەدىكى ئىسار2 ۋە بادېن ۋۈرتتېمبېرگدىكى نېكارۋېستخېيم2 يادرو ئېنېرگىيە ئىستانسىلىرىنى تەييار تۇرغۇزۇشنى قارار قىلدى. بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى 2024-يىلى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە جىددىي تەييارلىق ئىچىدە زاپاس ھالەتتە تۇرغۇزۇلىدۇ.

ئەنگلىيەدە توققۇز يادرو رېئاكتورى ئاكتىپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئەنگلىيە توك ئېھتىياجىنىڭ 15 پىرسەنتىنى قاندۇرماقتا. ئېنېرگىيە كىرىزىسىنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىن كېيىن، ئەنگلىيە 30 مىليارد فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىنى تەستىقلىدى.

بېلگىيەنىڭ ئىككى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يەتتە رېئاكتورى مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئىشلەپچىقارغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىنىڭ يېرىمىنى قامدىماقتا. ئېنېرگىيە كىرىزىسى سەۋەبىدىن، بېلگىيە 2025-يىلى تاقاشنى پىلانلاۋاتقان ئىككى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ مەشغۇلات مۇددىتىنى يەنە 10 يىل ئۇزارتتى.

گوللاندىيەنىڭ ئاكتىپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان بىرلا رېئاكتورى بار بولۇپ، يېڭىدىن ئىككى رېئاكتورغا مەبلەغ سېلىشقا تەييارلانماقتا.

ئالتە رېئاكتور قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان پولشا بولسا، كىچىك تىپتىكى يادرو رېئاكتورىغا مەبلەغ سېلىش تەييارلىقىنى باشلىدى.

ھىندىستاندا 22 يادرو رېئاكتورى بار. يادرو دۆلەتنىڭ توك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %3 نى تەمىنلەيدۇ. نۆۋەتتە 8 رېئاكتورنىڭ قۇرۇلۇشى داۋاملاشماقتا. ھىندىستان 12 يېڭى رېئاكتور ياساپ، ئالدىمىزدىكى 10 يىلدا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئۈچ ھەسسە ئاشۇرۇشنى پىلانلىماقتا.

ياپونىيەنىڭ نۆۋەتتە مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدىغان 33 يادرو رېئاكتورى بار. 7 ئاكتىپ رېئاكتوردىن باشقا، يەنە 9 رېئاكتورنى قوزغىتىش قارار قىلىندى. بۇ ئارقىلىق ياپونىيە ئېلېكتىر ئېھتىياجىنىڭ %10 ىنى يادرو ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

جەنۇبىي كورېيە توك ئېھتىياجىنىڭ 28 پىرسەنتىنى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى ئارقىلىق قاندۇرىدۇ. دۆلەتتە 25 ئاكتىپ رېئاكتور بار بولۇپ، ئۈچ رېئاكتور قۇرۇلۇۋاتىدۇ. جەنۇبىي كورېيە 2030-يىلىغىچە 10 يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ، توك ئېھتىياجىنى قامداش نىسبىتىنى %30 كە يەتكۈزۈشنى قارار  قىلدى.

ھەتتا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى مول دۆلەتلەرمۇ يادرو ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلماقتا. ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 54 يادرو رېئاكتورى قۇرۇلۇشى داۋاملاشماقتا. قۇرۇلۇۋاتقان يادرو رېئاكتورلىرىنىڭ 11 ى خىتايدا، 7 سى ھىندىستاندا، 4 ى رۇسىيەدە. بۇنىڭدىن باشقا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە 4، جەنۇبىي كورېيەدە 4، ئامېرىكادا 2، فىرانسىيەدە 1 يادرو رېئاكتورى قۇرۇلۇۋاتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر