خوجا ئەھمەد يەسەۋى ۋە ئۇنىڭ قىممەتلىك ئەسىرى «دىۋانى ھېكمەت»

نازگۈل قادىروۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان «ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىدىكى سانىدا، قاراخانىيلار دەۋرى تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرىدىن خوجا ئەھمەد يەسەۋى ۋە «دىۋانى ھېكمەت» توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

2093321
خوجا ئەھمەد يەسەۋى ۋە ئۇنىڭ قىممەتلىك ئەسىرى «دىۋانى ھېكمەت»

خوجا ئەھمەد يەسەۋى ۋە ئۇنىڭ قىممەتلىك ئەسىرى «دىۋانى ھېكمەت»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 12-ئەسىردە ياشاپ، «پىرى-تۈركىستان» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان خوجا ئەھمەد يەسەۋى، ئىسلام دىنىنىڭ تۈرك قەبىلىلىرى ئارىسىدا تارقىلىپ كۈچىيىشىگە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان مۇتەسەۋۋۇپ (سوپى) باشلامچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ھايات ھېكايىسى توغرىسىدىكى تېكىستلەرنىڭ كۆپىنچىسى خەلق ئىچىدە تارقالغان رىۋايەتلەرنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، بىزنى ھاياتى توغرىسىدىكى ھەقىقىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ مۇھىم يازما مەنبە، «دىۋانى ھېكمەت». ئۇنىڭدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئەھمەد يەسەۋى غەربىي تۈركىستاننىڭ چىمكەنت رايونىغا يېقىن يەرگە جايلاشقان سايرام بازىرىدا — بۈگۈنكى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دادىسى ھەزرىتى ئەلىنىڭ نەسەبىدىن شەيخ ئىبراھىم، ئانىسى مۇسا شەيخنىڭ قىزى ئايشە خاتۇن ئىدى. ياش ۋاقتىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئەھمەد يەسەۋى، ئاچىسى گەۋھەرى بىلەن بىرلىكتە يەسىگە ئورۇنلاشقان[1]. مەنبەلەرگە قارىغاندا، باشلانغۇچ تەلىمىنى دادىسىدىن ئالغان يەسەۋى، ئارقىدىن سايدامنىڭ داڭلىق ئالىمى شەھابىددىن ئىسفاجابىدا ئوقۇغان. ئۇ يەسىگە كەلگەن چېغىدا، «ئاسلان بابا» ئىسىملىك بىر كىشى ئۇنىڭ ھەم ​​ يېتەكچىسى ھەم مەنىۋى ئاتىسى بولغان. بەزى رىۋايەتلەردە، ئاسلان بابا بۇ مەسئۇلىيەتنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەنىۋى ئىشارىتىگە ئاساسەن ئۈستىگە ئالغانمىش.[2]  ئاسلان بابا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئەينى دەۋرنىڭ مۇھىم ئىسلام مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇخاراغا كېلىپ، شۇ دەۋردىكى داڭلىق ئالىم شەيخ يۈسۈپ ئەلھەمەدانىدىن تەلىم ئالغان. يۈسۈپ ئەلھەمەدانى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئەھمەد يەسەۋى ئۇنىڭ ئىرشاد (رەھبەرلىك)لىق ئورنىغا ئۆتكەن. بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، يەسى شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىگە خاس «يەسەۋى تەرىقىتى»نى قۇرغان[3]. قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە، خوجا ئەھمەد يەسەۋى ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ۋە ئەسەرلىرى بىلەن پۈتۈن تۈركىستاندا داڭق چىقارغان. ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى چېگرالار ھالقىپ نۇرغۇن ئىسلام دۆلەتلىرىگىچە تارقالغان. ھەتتا بەزى جايلاردا، «مەدىنەدە ھەزرىتى مۇھەممەد، تۈركىستاندا خوجا ئەھمەد»[4] دېگەندەك سۆزلەرمۇ تارقالغان. گەرچە خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق بولمىسىمۇ، بىز «فەقىرنامە» ناملىق رىسالىدىن ئۇنىڭ 73 يىل ياشاپ، 1166-يىلى ۋاپات بولغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايمىز. خوجا ئەھمەد يەسەۋىگە ئالاقىدار مۇھىم رىۋايەتلەرنىڭ بىرىگە قارىغاندا، ئۇ 63 ياشقا كىرگىنىدە: «پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا جانابى ھەق (ئاللاھ) 63 ياشتىن كۆپ ئۆمۈر بەرمەپتۇ. ماڭىمۇ بۇنىڭدىن كېيىن يەر يۈزىدە ياشاش ھارام» دەپ، يەر ئاستىغا بىر كۈلبە ياسىتىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ يەردە ياشىغان.

خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلسەپەۋى ۋە ئەدەبىي — شېئىرى مەجمۇئەسى بۈگۈنكى كۈندە «دىۋانى ھېكمەت» دەپ ئاتىلىدۇ. دىۋانى ھېكمەت پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىسلام دىنىنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىشتە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. مەشھۇر تۇركولوگ ئەرئاسلان، دىۋانى ھىكمەتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىدۇ: «ھېكمەتلەرنىڭ مەزمۇنى ئىسلامىيەت، تۈركىستان سوپىزمى ۋە يەسەۋىزمنىڭ پىرىنسىپلىرى، ئېتىقاد ۋە ئەقىدىلەردىن تەركىب تاپقان. بۇلاردىن باشقا، بەزى ھېكمەتلەر ئەمەلىي ئەخلاق ۋە مۇھىتنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشكەن. مۇناجات، نەئت ۋە دەسلەپكى تۆت خەلىپەنى مەدھىيەلىگەندىن باشقا، ھېكمەتلەردە ئىپادىلەنگەن تېمىلارنى تۆۋەندىكىدەك تىزىشقا بولىدۇ: ئىلاھىي ئىشق، ئاللاھنىڭ بىرلىكى، مۇتلەق ئىرادە ۋە قۇدرىتى، رەسۇلۇللاھنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇنىڭ سۆيگۈسى، رەسۇلۇللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە سۈننىتى، زاھىدلىق ۋە تەقۋادارلىق، ئىبادەت، ئىسلام ئەخلاقى، ئىسلام رىۋايەتلىرى، ئاخىرەت ھاياتى، قىيامەت ئەھۋالى، جەننەت ۋە دوزاخ تەسۋىرى، دۇنيا ھەققىدە زاھىدانە شىكايەتلەر، دەرۋىش بولۇشنىڭ پەزىلەتلىرى، ئىسلام مۇتەسەۋۋۇپلىرىنىڭ ھېكايىلىرى، زىكىر ۋە خىلۋەت (يالغۇزلۇق) قاتارلىقلار يەسەۋى تەرىقىتىنىڭ ئەدەپ-ئەركانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر»[5]. بۈگۈنگە قەدەر تېپىلىپ رەتلەنگەن يەسەۋى ھېكمەتلىرى 250 كە يەتكەن بولۇپ، ھېكمەتلەرنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ قېلىشى ۋە تارقىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ ئاممىۋى تىلدا راۋان تۈركچە بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇشىدۇر. ئۇندىن باشقا، ھېكمەتلەرنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك  ھەممىلا يەردە مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئېيتىلىشى ۋە خوجا ئەھمەد يەسەۋىدىن كېيىن كەلگەن نۇرغۇن يەسەۋى دەرۋىشلىرىنىڭمۇ ئەھمەد يەسەۋى ئۇسلۇبىنى ياقلاپ شېئىرلارنى يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمۇ ئۇنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى كۇتۇپخانىلىرىدا يەسەۋى ھېكمەتلىرىنىڭ ھەر خىل قوليازما ۋە باسما نۇسخىلىرى ساقلانماقتا. ئۇنىڭ ئەڭ قەدىمكى نۇسخىلىرى 16-ياكى 17-ئەسىرگە تۇتىشىدۇ. دىۋانى ھىكمەتنىڭ بىر قىسىم قوليازما نۇسخىلىرى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تەتقىقات ئىنستىتۇتى كۇتۇپخانىسى، ئەھمەت جافەرئوغلۇ، ئەمەل ئەسىن نۇسخىلىرى، مانچېستېردىكى «جون رايلاندس» ئۇنىۋېرسىتېت كۇتۇپخانىسى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى، مىللەت، كونيا مەۋلانا مۇزېيى كۈتۈپخانىلىرى ۋە لېنىنگراد ئاسىيا خەلق مۇزېيى قاتارلىقلاردا ساقلانماقتا، نۇرغۇن كۇتۇپخانىلاردا ئەسەرنىڭ باسما نۇسخىلىرىمۇ بار.

پىكىرلىرى ئەسىرلەردىن ھالقىغان خوجا ئەھمەد يەسەۋى ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 850 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى —يۇنېسكو 2016-يىلىنى «خوجا ئەھمەد يەسەۋى يىلى» دەپ ئېلان قىلدى. بىز بۇ زاتنىڭ تۈرك دۇنياسىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئۇنىڭدىن كېيىن ياشىغان مەۋلانا جالالىدىن رۇمى، يۇنۇس ئەمرە ۋە ھاجى بەكتاش قاتارلىق مۇھىم شەخسلەردىن كۆرەلەيمىز.

مەنبە: 

1. Şengün, N. (2016). Dîvân-ı Hikmet’te Dil, Anlatım ve Muhteva Hususiyetleri. Diyanet İlmî Dergisi, 52 (4), 129-146.

2. Türküresin, H.E. (2021). Pir-i Türkisatn Hoca Ahmed Yesevî ve Divan-ı Hikmet’te Bulunan Değerler. Türk Kültürü ve Hacı Bektaş Veli Araştırma Dergisi, 99, 267-284. 

3. Petek, E, Dağıstan, S. (2017). Dîvân-ı Hikmet’in Yeni Bir Nüshası ‘Köksetav Nüshası’. Türk Dünyası, Dil ve Edebiyat Dergisi, 43, 207-233.

4. Çakan, V. (2005). Hoca Ahmed Yesevi ve Divân-ı Hikmet. Milli Folklor, 17 (68), 201-207.

5. Bice, H. (2016). Pîr-i Türkistan Hoca Ahmed Yesevi, Ankara. s.400


[1] Türküresin, H.E. (2021): s. 268.

[2] Bice. H. (2016): s. 64

[3] Çakan, V. (2005): s. 202

[4] Çakan, V. (2005): s. 203

[5] Bkz: Şengün, N. (2016): s.132.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر