تۈركىيە ۋە ئىراق لىيەسىدىكى ئېنېرگىيە مۇناسىۋەتلىرى شۇنداقلا يېڭى شېرىكچىلىكلەر

ئېنېرگىيە دۇنياسى (02)

2085140
تۈركىيە ۋە ئىراق لىيەسىدىكى ئېنېرگىيە مۇناسىۋەتلىرى شۇنداقلا يېڭى شېرىكچىلىكلەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق پروگراممىمىزنىڭ بۇگۈنكى بۆلىمىدە تۈركىيە ۋە ئىراق لىنىيەسىدىكى ئېنېرگىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىمىز.  تۈركىيە ۋە ئىراق لىنىيەسىدىكى يېڭى شېرىكچىلىكلەرنىڭ يەرشارى ئېنېرگىيە سىياسىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىنى ئانالىز قىلىمىز.  

دەرۋەقە، تۈركىيە-ئىراق مۇناسىۋىتى يېقىندىن بۇيان ناھايىتى ياخشى كېتىپ بارىدۇ. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارى تەخمىنەن 25 مىليارد دوللارغا يەتتى. تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈچىيىۋاتقان دىيالوگلار بىلەن بىرلىكتە بۇ سودا مىقدارىنىڭ تېخىمۇ ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

2024-يىلى ئەنقەرە-باغداد مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسىدىن مۇھىم تەرەققىياتلارغا ھامىلدار دېيىشكە بولىدۇ. ئاپرېلدا ئۈزۈلۈپ قالغان ئىراق-تۈركىيە خام نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسى ئېقىشىنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە قايتا باشلىنىشى پىلانلانماقتا. كەركۈك- يۇمۇرتالىق خام نېفىت تۇرۇببا لىنىيەسىنىڭ يىللىق توشۇش ئىقتىدارى 70 مىليون ۋارىلدىن ئاشىدۇ. ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە بۇ لىنىيەنىڭ سىغىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش پىلانلانماقتا.

تۈركىيە-ئىراق مۇناسىۋىتى ئېنېرگىيە ساھەسىدە كۈنسېرى كۈچەيمەكتە، نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى توشۇشقا مۇناسىۋەتلىك تاشلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى تەرەققىيات يولى لايىھەسىدۇر.

بۇ لايىھە 1200 كىلومېتىرلىق تۆمۈر يول ۋە تاشيول بىلەن تۈركىيەنى پارس قولتۇقىدىكى فاۋ پورتىغا تۇتاشتۇرىدۇ. «ئىراق يىپەك يولى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ لايىھە، ياۋروپادىن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگىچە بولغان كەڭ رايونغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئورتاق مەنپەئەت يارىتىدۇ.

يالغۇز ئىراقلا ئەمەس بەلكى قاتارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى گازىنىڭ ياۋروپاغا توشۇلىشى تېخىمۇ قىسقا ۋە تېجەشلىك يولغا ئىگە بولىدۇ. بۇ تۈركىيەنىڭمۇ ئېنېرگىيە ئېكسپورت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

بۇ لاھىيە ئارقىلىق تۈركىيە ئىراقنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى دۇنيا بازىرىغا يەتكۈزىدۇ ھەمدە ئېنېرگىيە سودىسىدا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. بەسرە قولتۇقىدىن تۈركىيە چېگراسىغىچە تۇتىشىدىغان تاشيول ۋە تۆمۈر يول تىرانسىپورت كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تەرەققىيات يولى لايىھەسى» تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى رىقابەت كۈچىگە تۆھپە قوشىدۇ.

«تەرەققىيات يولى لايىھەسى» نىڭ تاماملىنىشى بىلەن تەڭ نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى توشۇشتا سۈۋەيىش قانىلىغا نۇقتىلىق رەقىبگە ئايلىنىدۇ.

ئىراقنىڭ ئىسپاتلانغان نېفىت زاپىسى تەخمىنەن 145 مىليارد ۋارىل ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇ سومما دۇنيادىكى نېفىت زاپىسىنىڭ تەخمىنەن %8 نى، ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت زاپىسىنىڭ %17 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئىراق نېفىتى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئەرزان نېفتلەرنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر