ئاڭلىغانمۇ سىز؟_ ئىستانبۇل مۈشۈكلىرى

تارىخىي ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ مۈشۈكلىرىنىڭمۇ مەشھۇر ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭلار؟

2080999
ئاڭلىغانمۇ سىز؟_ ئىستانبۇل مۈشۈكلىرى

ئاڭلىغانمۇ سىز؟_ ئىستانبۇل مۈشۈكلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نەچچە مىڭ يىللىق ئۆتمۈشكە ئىگە، ئىمپېراتورلۇقلارغا ساھىبخانلىق قىلغان ھەشەمەتلىك شەھەر ئىستانبۇل، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرى، تەبىئىي گۈزەللىكلىرى بىلەن بىرلىكتە، مۈشۈكلىرى بىلەنمۇ داڭلىق. بۇنداق دېسەم، ئۇنى ئىستانبۇلغا خاس بىر خىل مۈشۈك تۈرى، دەپ ئويلاپ قالماڭلار، مەن بۇ شەھەرنىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدە تۇيۇقسىزلا ئالدىمىزدا پەيدا بولۇپ قالىدىغان كوچا مۈشۈكلىرىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن.

خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بارلىق مۈشۈكلەرنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ئانادولۇ ۋە مىسىر ئىكەن. ئانادولۇدا ئوۋچىلىقتا ئىشلىتىش ئۈچۈن بېقىلىدىغان مۈشۈكلەر، ئوسمانلى دەۋرىدە شەھەر تۇرمۇشىغا ماسلاشقان بولۇپ، تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ، ئىستانبۇلدا بىر خىل «مۈشۈك مەدەنىيىتى» پەيدا قىلىش ئارقىلىق شەھەردىكى كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر پارچىسىغا ئايلانغان. ئوسمانلى دەۋرىدە كوچىلاردىكى ساياق ھايۋانلار قوغدالغان ھەمدە خەلقمۇ ئۇلارنى قوغداشقا ئىلھاملاندۇرۇلغان. يوقسۇللارغا تائام بېرىلىدىغان ئاشخانىلار، مۈشۈك ۋە ئىتلارغىمۇ يېمەكلىك بېرىدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرگەن. ھەتتا كوچىلاردىكى ھايۋانلارنى بېقىش - ئاسراش مەقسىتىدە ۋەخپىلەر — فوندىلار قۇرۇلغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھايۋانلارنىڭ ئۇۋىلىرى ۋە ئۇ يەرلەردە ئىشلەيدىغانلاردىن باشقا مىڭلارچە پىداكار كىشى بۇ ۋەزىپىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ھايۋاناتلار قانۇن – تۈزۈمى چىقىرىلىپ يولغا قويۇلغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ، 16-ئەسىردە قانۇن چىقىرىپ، قېرىپ قالغان ھايۋانلارنى ئېغىر ئىشلاردا ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدە كىشىلەر مال - مۈلۈكلىرىنى كوچا ھايۋانلىرىغا مىراس قالدۇرغان ئەھۋاللارمۇ بولغان.

ئىستانبۇلنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك مۈشۈكلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. باغچىلاردا، دېرىزىلەرنىڭ تۈۋىدە، دۇكانلارنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئالدىدا، بىر كىتابچىنىڭ كىتابلىرى ئارىسىدا، مېترو بېكىتىدە، پاراخوتتا قىسقىسى ھەممىلا يەردە ھەر خىل رەڭ ۋە ياشتىكى مۈشۈكلەرنى ئۇچرىتىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. قەھۋەخانىدا چاي ئىچىۋاتقان چېغىڭىزدا، ئاستاغىنا قۇچىقىڭىزغا چىقىپ، ھۇزۇرلىنىپ ئۇيقۇغا غەرق بولۇشىمۇ مۇمكىن.

ئىستانبۇلنىڭ، بەلكىم دۇنيانىڭ ئەڭ داڭلىق مۈشۈكى «ئاياسوفيا مۈشۈكى» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان گلى بولۇشى مۇمكىن. 2004 – يىلى ئاياسوفيادىكى مۇلازىمەتچىلەر كۈلبىسىنىڭ ئاستىدا دۇنياغا كەلگەن ئۈچ ئاسلاننىڭ بىرى بولغان گلى، 2020 – يىلى ۋاپات بولغۇچە ئاياسوفيادا تۇرغان بولۇپ، زىيارەتچىلەرنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلانغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىجتىمائىي تاراتقۇدا يۈز مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بولغان بۇ ئوماق مۈشۈك، ئاياسوفيانىڭ ھەيۋەتلىك بىناكارلىقى نامايان قىلىنغان نەچچە مىڭ پارچە سۈرەتتىمۇ ئورۇن ئالغانىدى.

ئەگەر ئىستانبۇل مۈشۈكلىرى بىلەن تېخىمۇ يېقىندىن تونۇشماقچى بولسىڭىز، جەيدا تورۇننىڭ 2016-يىلى ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىمى «مۈشۈك» نى كۆرۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر