قىزىل دەريا

بىلىۋېلىڭ (67)

2077191
قىزىل دەريا

قىزىل دەريا

تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئۇزۇن دەرياسىنىڭ 10 شەھەردىن ئۆتۈپ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ئۇزۇنلۇقى 1335 كىلومېتىر كېلىدىغان قىزىل دەريا، تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئۇزۇن دەرياسى بولۇپ، 10 شەھەردىن ئۆتۈپ دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. قىزىل دەريا سىۋاس ۋىلايىتى چېگرالىرى ئىچىدىكى 3000 مېتىر ئېگىزلىكتىن باشلىنىپ، قەيسەرى، نەۋشەھىر، قىرشەھىر، قىرىققالە، ئەنقەرە، چانقىرى، چورۇم، سىنوپ ۋە سامسۇن قاتارلىق ۋىلايەتلەردىن ئۆتىدۇ، ھەمدە بۇ ۋىلايەتلەرنىڭ سۇ  ئېھتىياجىنى قامداپ، قارادېڭىزغا قۇيۇلىدۇ.

سۈيىنىڭ رەڭگى تۈپەيلى نامى شۇنداق ئاتالغان قىزىل دەريا، قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ ئانادولۇدا قۇرۇلغان نۇرغۇن مەدەنىيەتلەرگە ساھىبخانىلىق قىلغان. شۇ ۋەجىدىن، بۇ دەريانىڭ بويلىرىدا تارىخنىڭ ھەر بىر دەۋرىگە ئائىت تاش قەبرىلەر، قەلئەلەر ۋە كۆۋرۈكلەرگە ئوخشاش تارىخىي ئىزلار كۆزگە چېلىقىدۇ.

قىزىل دەريا قارادېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ساھەدە 56 مىڭ گېكتار كېلىدىغان دېلتا بار بولۇپ، بۇ دېلتا تۈركىيە بويىچە ئەڭ مۇھىم سۇلۇق ساھەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. چوڭ - كىچىك نۇرغۇن كۆللەر جايلاشقان قىزىل دەريا دېلتاسى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى جەھەتتە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. 355 خىل ئۆسۈملۈك ياشايدىغان بۇ دېلتا، ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك تۈرلىرىگە ئىگە بولۇش جەھەتتىنمۇ دىقققەت قوزغايدۇ. بۇ ساھەدە بايقالغان ئۆسۈملۈك تۈرلىرى ئىچىدە توققۇزى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان.

دۇنياغا داڭلىق سۇلۇق يەر بولغان قىزىل دەريا دېلتاسى رايونىدىكى تۇزلۇق كۆللەر، سازلىقلار، قىرغاق بارخانلىرى سۇ قۇشلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىشى ۋە ئۇۋا ياسىشى ئۈچۈنمۇ ئۇلارنى مۇۋاپىق مۇھىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا، بۇ دېلتا قۇشلارنى كۈزەتكۈچىلەر ۋە فوتوگرافلار ئۈچۈن جەننەتتەك ماكان ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەدە بۈگۈنگە قەدەر ئېنىقلانغان 465 قۇش تۈرىنىڭ 358 ى مەزكۇر دېلتادا بايقالغان.

قىزىل دەريا ئېكولوگىيەلىك ئەھمىيىتىدىن سىرت يەنە، ئۈستىگە سېلىنغان 12توسما ۋە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى سەۋەبىدىن تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىنتايىن مۇھىم دەريا ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر