كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ھەر 12 دوختۇرخانىنىڭ بىرى تاقىلىش خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتە

كۆزنەك (67)

2075589
كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ھەر 12 دوختۇرخانىنىڭ بىرى تاقىلىش خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتە

كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ھەر 12 دوختۇرخانىنىڭ بىرى تاقىلىش خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتە

كىلىمات ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى ھادىسىلىرى سەۋەبىدىن دۇنيا مىقياسىدا ھەر 12 دوختۇرخانىنىڭ بىرى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي تاقىلىپ قېلىش خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتە.

كىلىمات ھادىسىلىرىنىڭ خەۋپ - خەتەرلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان XDI (Cross Dependency Initiativ)  تەتقىقات ئورنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسىنىڭ 28 – نۆۋەتلىك كونفېرانسى ساغلاملىق كۈنىدە، 2023 – يىلى كىلىمات ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى ھادىسىلىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى.

دۇنيا مىقياسىدىكى 200 مىڭدىن ئارتۇق دوختۇرخانىنىڭ خەۋپ - خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكىگە دائىر ئانالىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دېڭىز قىرغىقى ۋە دەريالارغا يېقىن جايلاردىكى دوختۇرخانىلار ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە خەۋپ - خەتەر  ئاستىدا ئىكەن، دەريالار ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرىنىڭ دوختۇرخانىلارغا زىيان يەتكۈزۈش خەۋپى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە ئىكەن. مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى ھادىسىلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە دېڭىز يۈزى سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن دېڭىز تاشقىنلىرىنىڭ تېز كۆپىيىش خەۋىپىمۇ دوختۇرخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى كۆپەيتىۋەتمەكتە ئىكەن.

ئەگەر تاشقاتما يېقىلغۇلاردىن تېز ۋاز كەچمەسلىك ۋە بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى داۋاملىق ئېشىش سەۋەبىدىن كىلىمات كرىزىسىنىڭ تەسىرى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەن تەقدىردە، پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى ھادىسىلىرى سەۋەبىدىن 2100 – يىلغىچە دۇنيا مىقياسىدىكى ھەر 12 دوختۇرخانىنىڭ بىرى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي تاقىلىش خەۋىپىگە دۇچ كېلىدىكەن.

بۇ دۇنيا مىقياسىدىكى 16 مىڭ 245 دوختۇرخانىنىڭ خەۋپ – خەتەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. بۇ سان ھازىر خەۋپ – خەتەر ئاستىدا قېلىۋاتقان دوختۇرخانىلارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن.

شۇ ۋەجىدىن، بۇ دوختۇرخانىلارنىڭ ھەممىسى كىلىمات ھادىسىلىرىگە تاقابىل تۇرۇش مەبلىغىگە ئېھتىياجلىق ئىكەن. بىراق بۇ مەبلەغلەر تەمىنلەنگەن تەقدىردىمۇ، نۇرغۇن دوختۇرخانىلارنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولىنىڭ كۆچۈش بولۇش خەۋپى بار ئىكەن.

ئېغىر خەۋپ - خەتەر ئاستىدا قېلىۋاتقان 16 مىڭ 245 دوختۇرخانىنىڭ % 71 ى ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن كىرىملىك ​​دۆلەتلەرگە جايلاشقان.

دوكلاتتىكى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە بۇلغىما قويۇپ بېرىش سىنارىيەسىگە قارىغاندا، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوختۇرخانىلارغا زىيان سالىدىغان پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى ھادىسىلىرىنىڭ خەۋىپى تۆت ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشىدىكەن، تۆۋەن بۇلغىما قويۇپ بېرىش سىنارىيەسىدە بۇ خەتەرنىڭ ئېشىشى % 106 كە تۆۋەنلەيدىكەن.

تاشقاتما يېقىلغۇنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تېزلىكتە ئازايتىش ئارقىلىق  يەر شارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىشنى 1.8 گىرادۇس بىلەن چەكلەپ قالغىلى بولغان تەقدىردە، ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە بۇلغىما قويۇپ بېرىش سىنارىيەسىگە قارىغاندا، دوختۇرخانا ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بۇزۇلۇش خەۋىپىنى يېرىم ھەسسە تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى دوختۇرخانىلار، دۇنيا مىقياسىدا پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى ھادىسىلىرىنىڭ خەۋپ – خەتىرى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدىكى رايونلارغا جايلاشقان ئىكەن. يۈكسەك سەۋىيەدە بۇلغىما قويۇپ بېرىش سىنارىيەسىگە قارىغاندا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى ھەر 5 دوختۇرخانىنىڭ بىرى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرغىچە قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي تاقىلىش خەۋىپىگە دۇچ كېلىدىكەن.

تۈركىيەدىكى ھەر 20 دوختۇرخانىنىڭ بىرى خەۋپ - خەتەر ئاستىدا

مۆلچەرلىنىشىچە، تۈركىيەدىكى پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى ھادىسىلىرى سەۋەبىدىن تاقىلىش خەۋىپىگە دۇچ كېلىۋاتقان دوختۇرخانىلارنىڭ نىسبىتى 2050-يىلغا بارغاندا % 3.8 دىن % 4.4 كە ئۆرلەيدىكەن.

ئەگەر بۇلغىما قويۇپ بېرىش نىسبىتى يۇقىرى سەۋىيەدە داۋاملاشقان تەقدىردە، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ھەر 20 دوختۇرخانىنىڭ بىرى پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى ھادىسىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن، شۇنداقلا،  تۈركىيەدىكى 99 دوختۇرخانا كىلىمات ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى ھادىسىلىرى سەۋەبىدىن يۈكسەك سەۋىيەدە زىيانغا ئۇچراش خەۋىپىگە دۇچ كېلىدىكەن.

«دوختۇرخانىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش»

XDI تەتقىقات ئورنىنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرى دېرىكتورى كارل ماللون، دوكلاتنىڭ نەتىجىسى ھەققىدىكى ئانالىزىدا، كىلىمات ئۆزگىرىشنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە كۈنسېرى تېخىمۇ كۆپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

 «ئەگەر پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى ھادىسىلىرى دوختۇرخانىلارنىڭ تاقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، تەھلىلىمىز شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تاشقاتما يېقىلغۇلاردىن تېزدىن ۋاز كەچمىگەن تەقدىردە، مىڭلارچە  دوختۇرخانىلار كرىزىس مەزگىلىدە مۇلازىمەت قىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ، بۇنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ساغلاملىققا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپ – خەتىرى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.»

 ماللون دوختۇرخانىلار دۇچ كېلىدىغان بۇ خەۋپ - خەتەرنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىش ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر