كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇل (چۇبۇكلۇ _ خېدىۋ قەسىرى)

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىدا، ئىستانبۇلنىڭ چۇبۇكلۇ رايونىدىكى خېدىۋ قەسىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىمىز، قېنى ئۇنداقتا دىققتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

2070919
كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇل (چۇبۇكلۇ _ خېدىۋ قەسىرى)

كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇل (چۇبۇكلۇ _ خېدىۋ قەسىرى)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە دېڭىز بويلىرىدىكى ساياھىتىمىزگە ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن، ساياھەت كېمىىز «سەيياھ»قا كەلگەنلىكىڭلارنى قارشى ئالىمىز. بىزنىڭ ئىستانبۇلنىڭ ئانادولۇ تەرىپىدىكى ساياھىتىمىز داۋاملاشماقتا. بىز بۈگۈن ئىستانبۇل بوغۇزىنى بويلاپ ئىلگىرىلەپ، چۇبۇكلۇ پىرىستانىغا بېرىش جەريانىدا، قىرغاق بويلىرىدىكى بىر دەۋرنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان نەپىس سارايلارنىڭ يېنىدىن ئۆتىمىز. بۈگۈنكى مەنزىلىمىز پۈتۈن شانۇ – شەۋكىتىنى ساقلاپ قالغان ھالدا زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن ئىستانبۇلنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى بولغان خېدىۋ قەسىرى. مەن، ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىگە ئىگە بۇ قەسىرنىڭ سىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەمدى بىز ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ»نى چۇبۇكلۇ پىرىستانىغا لەڭگەرلەپ، خېدىۋ قەسىرىگە قاراپ يولغا چىقايلى.

*  *  *  *

قەسىر ياتاقلىق ساراي ياكى قەلئە دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە پادىشاھ شەھەر سىرتىدا قىسقا ۋاقىت تۇرغان كىچىك سارايلارمۇ «قەسىر» دەپ ئاتىلاتتى. بىز بۈگۈن زىيارەت قىلىدىغان خېدىۋ قەسىرى بۇلاردىن بىر ئاز پەرقلىق؛ چۈنكى ئۇ سۇلتانغا ئەمەس، بەلكى ئوسمانلى دەۋرىدىكى ۋالىيلارنىڭ بىرىگە تەئەللۇق. خېدىۋ قەسرىنى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ مىسىردىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋالىيسى ياسىتىدۇ. خېدىۋ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ مىسىر ۋالىيلىرىغا بەرگەن ئۇنۋانى ئىدى؛ شۇ ۋەجىدىن بۇ قەسىرمۇ مەزكۇر ئىسىم بىلەن ئاتالغان.

خېدىۋ قەسرى بىناكارلىق ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزگىچە ئىستانبۇل بوغۇزى مەنزىرىسى سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ خىل ئەۋەزەللىكلىرى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ داڭقى ياۋروپاغىچە يېتىپ بارىدۇ. قەسىر بىر ئىتالىيەلىك بىناكار تەرىپىدىن ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ ئەڭ ئېگىز تۆپىلىكلىرىنىڭ بىرىگە ئوسمانلى بىناكارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان شەكىلدە — غەربنىڭ ئەينى چاغدىكى ئەڭ داڭلىق بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا — سېلىنغان.

خېدىۋ قەسىرى سېلىنغان مەزگىلىدە ئىستانبۇلدىكى ئەڭ چوڭ ئەتىرگۈل باغچىسىغا ئىگە ئىدى. بۇرۇنقىدەك بولمىسىمۇ، قەسىر يەنىلا باغچىسى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە. ئەتىيازدا لالە، سۇمبۇللار بىلەن بېزىلىدىغان بۇ باغچە، گۈزەللىكى بىلەن ساياھەتچىلەرگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. بۇ گۈزەل باغچىدىن ئۆتۈپ، قەسىرگە قەدەم باسايلى. كىرىش ئېغىزىدا مەرمەر تۈۋرۈكلەر بىلەن قورشالغان، بويى ئۆگزىگىچە سوزۇلغان بىر ئابىدىۋى فونتان بار. بۇ يەردىن تاملىرى مەرمەر بىلەن قاپلانغان زالغا ئۆتىمىز. بۇ ئەينەك ئىشىك، تۈۋرۈك ۋە ئالتۇن بېزەكلىرى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر زال. بۇ يەردىمۇ موزايكا بىلەن قاپلانغان تۈۋرۈكلىرى تورۇسقا تېگىپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك بىر چەشمە بار. خېدىۋ قەسىرى يورۇتۇشقا توك ئىشلىتىلگەن تۇنجى ساراي ھېسابلىنىدۇ. بۇ بىنا ئارگېنال نۇۋو كاھىشلىرى، ئەينەكلىرى، ئاسما چىراغلىرى ۋە تۇرۇسىدىكى نەقىشلىرى بىلەن بىر دەۋرنىڭ ھەيۋىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. خېدىۋ قەسىرىنىڭ سەنئەت ئەسىرى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە  ئېسىل بېزەك ۋە بۇيۇملىرى كىشىگە مۇزېينى ئەسلىتىدۇ ۋە ئۇنى بىر چاغلاردا بۇ يەردە ھۆكۈم سۈرگەن  تۇرمۇش ھەققىدە ئويلىنىشىقا قىستايدۇ.

  خېدىۋ قەسىرىدىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى ھەممىدىن بەك تارتىدىغان بىناكارلىق ئېلېمېنتى، بىنانىڭ مۇنارى. چۈنكى ئىستانبۇلدىكى باشقا قەسىر - سارايلاردا مۇنار يوق. ئەسلىدىنلا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇنارنىڭ، قىزىقىش قوزغايدىغان يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بار. بۇ مۇنارنىڭ ئىچىدە ئىستانبۇلنىڭ تۇنجى پار بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان لىفىتى بار! ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن خېلىلا ھەشەمەتلىك دەپ قارىلىدىغان بۇ لىفىت، ھازىرمۇ مۇنارغا چىقىشتا ئىشلىتىلىدۇ. كېلىڭلار، لېفەت بىلەن بىر-بىرلەپ مۇنارغا چىقىپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىستانبۇل بوغۇزى مەنزىرىسىدىن بەھرىلىنەيلى.

خېدىۋ قەسىرى چۇبۇكلۇ باغچىسى ياكى خېدىۋ باغچىسى دەپ ئاتالغان دەرەخزارلىققا ياسالغان بولۇپ، باغچىنىڭ نەچچە يۈز ياشلىق چىنار ۋە شاخلىرى ئاسمانغا تاقىشىدىغان تېرەكلىك مەنزىرىسى ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل. بۇ يەردە بىرلىكتە سەيلە قىلىشقا قانداق قارايسىلەر؟ چۇبۇكلو باغچىسى شەھەرنىڭ قالايمىقانچىلىقلىرىدىن قۇتۇلماقچى بولغان ئىستانبۇللىقلارنىڭ دائىملىق قېچىش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى... بىر ئازدىن كېيىن، مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى سىلەرمۇ چۈشىنىپ يېتىسىلەر. باغچە بىر قەدەر تىك يانتۇلۇقتا بولسىمۇ، دەرەخلەر ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئىستانبۇل مەنزىرىسى، ھارغىنلىقىڭلارنى بىردەمدىلا ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، باغچىدا مېڭىۋاتقاندا، ۋىزانتىيە دەۋرىدىن قالغان سۇ يوللىرى ۋە چەشمىلەرنىڭ قالدۇقلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ۋىزانتىيەدىن ئوسمانلىغىچە ھەتتا بۈگۈنگە قەدەر نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ باغچە، تەبىئەتتىن ھۇزۇرلىنىش ۋە ساپ ھاۋا ئېلىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشى جاي.

بۈگۈنكى ساياھىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان پەيت كەلدى. ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ» چۇبۇكلۇ پىرىستانىدا بىزنى كۈتمەكتە. بىراق، ئۇنىڭدىن بۇرۇن، پىرىستاننىڭ بىر ئاز نېرىسىدىكى خالىل ئەتھەم سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىۋېتەيلى. دېڭىز قىرغىقىدىكى بۇ ساراينى ئوسمانلى چوڭ ۋەزىرلىرىنىڭ بىرى ۋە تۈركىيەنىڭ تۇنجى كانچىلىق ئىنژېنېرى ئىبراھىم ئەتھەم پاشا تەرىپىدىن سالدۇرۇلغانىكەن. يېڭى ئۇسلۇب بىلەن كىلاسسىك ئۇسلۇب بىرلەشتۈرۈپ ياسالغان بۇ ياغاچ ساراي، «تاشپاقا مەشقاۋۇلى» ناملىق رەسىمى بىلەن تونۇلغان ئوسمان ھەمدە بەي ۋە تۈرك مۇزېيچىلىق ساھەسىگە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان خالىل ئەتھەم بەي تۇرغان جايدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر