ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇبارەك بولسۇن!

بۈگۈن (24-نويابىر) يەنە بىر قېتىم ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز.

1910400
ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇبارەك بولسۇن!

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى مۇبارەك بولسۇن!

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 24 – نويابىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، جەمئىيىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ناھايىتى مۇشەققەتلىك ۋەزىپىلەر زىممىلىرىگە يۈكلەنگەن ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ بۇ خۇشاللىقىنى ئورتاقلىشىمىز.

پارلاق ئىستىقبالنى پەقەت ئوقۇتقۇچىلىرىمىز سۆيگۈ – مۇھەببىتى بىلەن ياخشى تەربىيەلەپ چىقىدىغان تالانتلىق ياشلار ئارقىلىقلا بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.

پەقەت ئوقۇتقۇچىلارلا باشقىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە سۆيگۈ – مۇھەببەت ۋە مېھىر – شەپقەت يەتكۈزەلەيدۇ. ئەنە شۇنداق مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۆتەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنى ھېچقاچان يالغۇز تاشلاپ قويمايدىغانلىقىمىزنى، كېلەچەكنى بەرپا قىلىشتا ھەمىشە ئۇلارغا موھتاج ئىكەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم خاتىرىلىتىمىز، ئۇلارغا چەكسىزھۆرمەت بىلدۈرىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر