كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇل - پولونەزكۆي

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىدا، ئىستانبۇلنىڭ بەيكوز رايونىنى سەيلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، قېنى ئۇنداقتا دىققتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

2067822
كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇل - پولونەزكۆي

كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇل - پولونەزكۆي

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىستانبۇلنىڭ ئانادولۇ تەرىپىدىكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا شەھەرنىڭ ۋاراڭ – چۇرۇڭلىرىدىن قۇتۇلغىلى بولىدىغان بەيكوز رايونىنى سەيلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بەيكوز شەھەر مەركىزىدىن ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا يېتىپ بارغىلى بولىدىغان، تەبىئەت بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن يايپېشىل ۋە تىنچ جاي.  ئەمەلىيەتتە ئۇ شەھەر ئىچىدە بولسىمۇ، كىشىگە گويا شەھەردىن يىراقتىكىدەك ھېس قىلدۇرىدىغان بىر يەر. مەن بۇنداق يەرلەرنى «سېھىرلىك» دەپ ئاتايمەن؛ چۈنكى ئۇ ئادەمگە ئۆزىنىڭ شەھەرنىڭ چېگراسى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، ئىچكى دۇنياسىنى باشقا زامان ۋە باشقا ماكانغا ئېلىپ بارىدۇ.

تارىختا بەزىدە كىشىلەر ئۆيلىرىنى، يېقىنلىرىنى، ھەتتا ۋەتىنىنى تاشلاپ، يېڭى جايدا، يېڭى دۆلەتتە يېڭى ھاياتىنى باشلاشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋال بەزىدە ئۇلار يېڭى دىننى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، بەزىدە ئۇرۇش جەريانىدا، بەزىدە تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان سىياسەتلەر يولغا قويۇلغان چاغلاردا يۈز بېرىدۇ. بەيكوزدىمۇ شۇنداق بىر يەر بار بولۇپ، ھېكايىسى ناھايىتى قىزىقارلىق. ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ»نى بەيكوز پىرىستانىغا لەڭگەرلەپ، سەيلىمىزنى بۇ قىزىقارلىق جايدىن، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، پولشادىن كەلگەنلەر قۇرغان پولونەزكۆيدىن باشلايلى. يېشىللىقلار قوينىدىكى گۈزەل ماكان پولونەزكۆي، بۈگۈنكى كۈندە ناھايىتى چوڭ يەرنى قاپلىغان بىر تەبىئەت باغچىسى. مەن سىلەرگە يولدا پولونەزكۆينىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىمەن. ھازىر بىزنى ساقلاۋاتقان ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، يولغا چىقىدىغان پەيت كەلدى. مەنزىلىرىمىزگە يېتىپ بېرىش ئۈچۈن، دېڭىزدىن ئىچكىرىگە قاراپ ماڭىمىز.

*  *  *  *

مەن پولونەزكۆينى سەيلە قىلىشتىن ئىلگىرى، سىلەرگە قىسقىغىنە بولسىمۇ، تارىخنى سەيلە قىلدۇرماقچىمەن. چۈنكى پولونەزكۆينىڭ ھېكايىسى ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن ئىشلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، پولشا زېمىنىنى رۇسىيە، ئاۋسترىيە ۋە پىرۇسسىيە ئۆزئارا بۆلۈشۈۋالىدۇ. بۇ بۆلۈشۈشنى قوبۇل قىلماي قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن پولشالىقلار، شىددەتلىك باستۇرۇشلارغا دۇچ كېلىپ، كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. پولشالىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ياۋروپا شەھەرلىرىگە كېتىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن پاناھلىق تىلەپ، پولشانىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى ئوسمانلى زېمىنىدا داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇلار بەيكوزدىن بىر مەھەللىنى سېتىۋېلىپ، دەسلەپتە ئون ئىككى ئادەمنى ئولتۇراقلاشتۇرىدۇ. بارا – بارا بۇ يېزا پولشادىن كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ ماكانىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ يېزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىسمى ئادامپول، بۈگۈنكى كۈندىكى ئىسمى بولسا، پولونەزكۆيدۇر. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى پولشالىقلارنىڭ يېزىنى باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئۇلارنىڭ مەيلىگە قويۇۋېتىدۇ ۋە ئوسمانلى زېمىنىدىكى بۇ يەر پولشا چېگراسى سىرتىدا قۇرۇلغان تۇنجى پولشا يېزىسى بولۇپ قالىدۇ. پولونەزكۆي ۋەتىنىدىن يىراقلىشىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان پولشالىقلارنىڭ يېڭى ۋەتىنىگە ئايلىنىدۇ. دۇنياغا داڭلىق تۈرك سوپرانو لەيلا گەنجەر پولونەزكۆيدە دۇنياغا كېلىدۇ. پولونەزكۆي داڭلىق پىيانىنوچى فىرانز لىست، يازغۇچى گۇستاۋ فلاۇبېرت، پولشا پىرېزىدېنتى لېچ ۋېلىشا ۋە پولشا پىرېزىدېنتى ئالېكساندر كۋانىۋىسكىيلارنى كۈتۈۋالىدۇ.

بەلكىم بەك كۆپ سۆزلەپ كەتكەن بولۇشۇم مۇمكىن، ئەمما، پولونەزكۆينىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ ھېكايىسىنىڭ سىلەرنىمۇ قىزىقتۇرغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەمدى بۇ ھېكايە يۈز بەرگەن جاينى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقايلى.

يېزىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا بىزنى قارشى ئالىدىغان مەريەم ئانا چېركاۋى، پولونەزكۆيگە سېلىنغان تۇنجى چېركاۋ يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەندىن كېيىن،  ئۇنىڭ ئورنىغا سېلىنغانىكەن. تۈركىيە ئارمىيەسى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇ چېركاۋنى باش ئىشتاب قىلىپ ئىشلىتىدۇ. سىلەر كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ گۈزەل باغچىنىڭ ئىچىدىكى چېركاۋ بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بايرام ۋە ئوخشىمىغان پائالىيەتلەر ئۈچۈنمۇ مۇلازىمەت قىلىدۇ.

بىز ئازراق ئالغا ئىلگىرىلەپ، پولشا-تۈرك دوستلۇقىنىڭ سىمۋولى بولغان زوفىيا رىزى خاتىرە سارىيىغا ئۆتىمىز. بۇ خاتىرە ساراي ئۆز دەۋرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۆيلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى ئۇ پولشا ئەنئەنىسى ساقلىنىپ قالغان، كۇتۇپخانا ۋە مۇھىم رەسىملەر قويۇلغان ئۆي ئىدى. بۇ تىپىك پولشا يېزا ئۆيى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇرۇنقى گۈزەللىكى ۋە ئۆزگىچىلىكىدىن ھېچنېمىنى يوقىتىپ قويماستىن زىيارەتچىلەرنى قارشى ئالماقتا. بىز پولونەزكۆيدىكى كىشىلەرنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى ۋە قانداق ئۆيلەردە ئولتۇرغانلىقىنى زوفىيا رىزى خاتىرە سارىيىدا كۆرەلەيمىز. ئەمدى ئۆيگە كىرىپ، كەنتنىڭ تارىخى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىدىغان سۈرەت ۋە ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى.

يېزا مەيدانىنىڭ كەينىدىكى ياغاچتىن ئويما ھەيكەللەر ۋە رەڭگارەڭ ئەينەك مونچاقلار ياسىلىدىغان سەنئەت مەركىزىنىمۇ زىيارەت قىلىپ، قالغانلىرىنى سىلەرگە قالدۇرىمەن. پىيادە مېڭىش ياكى ۋېلىسىپىت مىنىش يولىدىن بىرنى تاللاپ، پاكىز ئورمان ھاۋاسىدىن ئەركىن نەپەسلىنىپ، ئاجايىپ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلانساڭلارمۇ، بۇ يېزىنىڭ كونا ئەسلىمىلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، خىيال دۇنيارىڭلادا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر