مودا سانائىتى ساھەسىنىڭ مۇھىتقا سېلىۋاتقان زىيىنى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

كۆزنەك (64)

2066572
مودا سانائىتى ساھەسىنىڭ مۇھىتقا سېلىۋاتقان زىيىنى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

كىيىم-كېچەكنىڭ ئۆمرىنىڭ قىسقىرىشىغا ئەگىشىپ، مودا سانائىتى ساھەسىنىڭ مۇھىتقا سېلىۋاتقان زىيىنى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

كىيىم-كېچەكنىڭ ئۆمرىنىڭ قىسقىرىشىغا ئەگىشىپ، مودا سانائىتى ساھەسىنىڭ مۇھىتقا سېلىۋاتقان زىيىنى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا،  ھەر يىلى مودا سانائىتى ساھەسى ئۈچۈن 159 مىليون تۈپ دەرەخ كېسىلىپ، 93 مىليارد كۇب مېتىر سۇ ئىشلىتىلىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، مودا سانائىتى ساھەسىنىڭ تەبىئىي بايلىقلارغا كەلتۈرگەن زىيىنىغا، بۇ ساھەنىڭ تەبىئىي بايلىقلارنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىشى سەۋەب بولماقتا ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 2022 – يىلى ئېلان قىلىنغان «مودا ساھەسىنىڭ 2021 – يىلدىن 2024 – يىلغىچە بولغان  ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىستراتېگىيەسى» تېمىلىق دوكلاتتا، مودا سانائىتى ساھەسىنىڭ  كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئېكولوگىيەلىك كىرىزىسقا ئەڭ كۆپ تەسىر كۆرسىتىدىغان، تەبىئىي بايلىقلاردىن ناھايىتى كۆپ پايدىلىنىدىغان ساھە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداقلا تاشقاتما يېقىلغۇغا تايىنىدىغان، تەمىنلەش زەنجىرى سەۋەبىدىن مۇھىت بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە كۆپ مىقداردا ئەخلەت پەيدا قىلىدىغان ساھە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

كىيىم-كېچەكنىڭ ئۆمرىنىڭ قىسقىرىشىغا ئەگىشىپ، مودا سانائىتى ساھەسىنىڭ مۇھىتقا سېلىۋاتقان زىيىنى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

دۇنيادا ھەر يىلى 100 مىلياردتىن ئارتۇق كىيىم - كېچەك ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

مودا سانائىتى ساھەسى ئۈچۈن ھەر يىلى 159 مىليون تۈپ دەرەخ كېسىلىدۇ.

كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ھەر يىلى 93 مىليارد كۇب مېتىر سۇ ئىشلىتىلىدۇ، بۇ يەر شارىدا ئىشلىتىلىۋاتقان سۇنىڭ % 4 گە توغرا كېلىدۇ.

مودا سانائىتى ساھەسىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئېكولوگىيەلىك كرىزىسقا ئەڭ كۆپ تەسىر كۆرسىتىدىغان ساھە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

مودا سانائىتى ساھەسىنىڭ كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ يەر شارىدىكى قويۇپ بېرىش نىسبىتىنىڭ % 2 تىن% 6 كىچە توغرا كېلىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 2022 – يىلى ئېلان قىلىنغان «مودا ساھەسىنىڭ 2021 – يىلدىن 2024 – يىلغىچە بولغان  ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىستراتېگىيەسى» تېمىلىق دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كىيىم-كېچەكلەرنى بوياش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش نەتىجىسىدە، بولۇپمۇ باڭلادىش، ھىندونېزىيە، ئۆزبېكىستان، خىتاي ۋە كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېغىر بۇلغىنىش كۆرۈلگەن، مودا ۋە توقۇمىچىلىق سانائىتى ساھەسى يېقىنقى 15 يىلدا ئېغىر بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىش نەتىجىسىدە تېخىمۇ كۆپ تاشلاندۇقلارنىڭ پەيدا بولۇشى بۇلغىنىشنىڭ كۆپىيىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب ئىكەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «دۇنيا مىقياسىدا ھەر سېكۇنتتا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر يۈك ماشىنىسىچىلىك كىيىم - كېچەك  تاشلىۋېتىلىدۇ ياكى كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ.»

مودا ۋە توقۇمىچىلىق سانائىتى ساھەسى دۆلەت ھالقىغان قۇرۇلمىغا ئىگە بولغاچقا، ئەشيا ئوبوروتى باسقۇچلىرىمۇ ئېغىر كاربون قويۇپ بېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ناھايىتى چوڭ توقۇمىچىلىق ئەخلەت دۆۋىلىرى ھاسىل بولماقتا. ئافرىقانىڭ ئاقرا رايونىغا ھەر ھەپتە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60 كونتېينېر كىيىم-كېچەك ئەۋەتىلىدۇ. ئافرىقالىقلار ھەر يىلى تاشلىۋېتىلگەن 15 مىليون كونا كىيىم-كېچەك دۆۋىلىرىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ كىيىم - كېچەكلەرنىڭ 40 پىرسەنتىنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ناچار بولغانلىقتىن، قايتا پايدىلانغىلى بولمايدۇ.

«مەھسۇلاتلار تېخىمۇ قۇرۇق باسقۇچلار ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك».

قايتا پايدىلىنىشقا بولىدىغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى قۇرۇق باسقۇچلار ئارقىلىق  ئىشلەپچىقىرىش، يۇيۇش جەريانلىرىنى ئازايتىشنى كۆرسىتىدۇ. دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا قۇرغاقچىلىق يۈز بەرمەكتە، شۇڭا شۇنچە كۆپ سۇنى ئىسراپ قىلىش كىلىمات ئادالەتسىزلىكىنى پەيدا قىلماقتا.

مۇھىت تەسىرىنى ئۆلچەشكە بولىدىغان، سۇ ئىشلىتىش، سۇ تازىلىقى، تۇپراق ۋە ئوغۇت ئىشلىتىش نەزەرگە ئېلىنىدىغان، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى قوغدىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرى بىلەن كەلگۈسىمىزنى قوغداش ئۈچۈن بەزى چارە – تەدبىرلەرنى بېكىتىشىمىز كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر