ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدىغان ئوزۇقلۇقلار

شىپا بۇلىقى (63)

2062605
ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدىغان ئوزۇقلۇقلار

ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدىغان ئۇزۇقلۇقلار

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

سوغۇق ئۆزىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھېس قىلدۇرىدىغان قىش پەسلىدە، نەزلە ۋە زۇكام قاتارلىق ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئاشىدۇ. شۇڭا، بۇ مەزگىلدە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدىغان ئۇزۇقلۇقلارنى داستىخىنىمىزدىن كەم قىلماسلىقىمىز كېرەك.

 ئاپېلسىن

ئاپېلسىن تەركىبىدىكى ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن A نىڭ ياردىمىدە، قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قوللايدىغان ئەڭ مۇھىم يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى. شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئاپېلسىن شىرنىسىنىڭ ئورنىغا ئاپېلسىننى ئىستېمال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. چۈنكى بۇ تالا ۋە شېكەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى جەھەتتىن ساغلام تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

پالەك

تەركىبىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ ياردىمىدە ھۈجەيرىلىرىمىزنى قوغدايدۇ ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بولۇپمۇ ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن A نىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئاشۇرىدۇ. كۈچلۈك ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئۈچۈن ھەپتىدە ئىككى قېتىم پالەك ئىستېمال قىلىش زۆرۈر. لېكىن، پالەكنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن A نىڭ شىپالىق رولىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن پالەكنى سۇدا قاينىتىپ ئەمەس، ياغ قوشۇپ ئېتىلگەن پالەك تامىقى سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىش مۇھىم.

بېلىق

ئاقسىل، سېلېن ۋە سىنىكنىڭ ياخشى مەنبەسىدۇر. بەدەندىكى كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىرىكمىلەرنى چىقىرىپ تاشلاشقا تۆھپە قوشىدىغان 3-ئومېگا  ماددىسى ئەڭ كۆپ سالمون بېلىقى، ماككېرېل بېلىقى ۋە تۇننۇس بېلىقىنىڭ تەركىبىدە بولىدۇ. ھەپتىدە 3-2 قېتىم بېلىق ئىستېمال قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

ياۋروپا كەرەپشىسى

تەركىبىدە ۋىتامىن C مول ئوزۇقلۇق بولۇپ، بەدەننى يۇقۇملىنىشتىن قوغدايدۇ. شۇنداقلا بەدەندىكى سۇلۇق ئىششىقنى يوقىتىدۇ.

 تۇخۇم

تۇخۇمنىڭ ئېقى ئاقسىل مول ئۇزۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. تۇخۇمنىڭ سېرىقىنىڭ تەركىبىدە بولسا، تۆمۈر ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى A ۋىتامىن ماددىسى باردۇر.

بادام-ياڭاق

بادام بىلەن ياڭاقنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن ماددىسىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى باردۇر. بۇ خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ياردىمىدە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى ئىككى دانە ياڭاق ياكى 10 تال خام بادام يېيىش پايدىلىق.

قېتىق

ھەر كۈنى بىر قاچا ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئىچىدىغان سۈتنىڭ مىقدارىغا قاراپ، ھەر كۈنى ئىككى قاچا قېتىق ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

 ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

ئۇخلاش ھالىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

• ھەرىكەتسىز تۇرۇشتەك تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن يىراق تۇرۇپ، دائىم چېنىقىپ بېرىش كېرەك.

كۆپ سۇ ئىچىش كېرەك.

• ھەددىدىن زىيادە بېسىمدىن ساقلىنىش، بېسىمنى باشقۇرۇشتا زۆرۈر تېپىلغاندا مۇتەخەسسىسلەردىن ياردەم سوراش كېرەك.

• بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش ياكى بەدەن ئېغىرلىقىنى كۆڭۈلدىكىدەك سەۋىيەدە يېنىكلىتىش ئىنتايىن مۇھىم.

• ھاراق ئىچىش ۋە تاماكا چېكىش قاتارلىق زىيانلىق ئادەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك.

• قول ۋە ئېغىز تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

• تەڭپۇڭ ۋە يېتەرلىك ئوزۇقلىنىش پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىش كېرەك. ھەر بىر ئوزۇقلۇقنى مۇۋاپىق مىقداردا ۋە تەڭپۇڭ ھالەتتە ئىستېمال قىلىش كېرەك.

 ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدىغان ئۆسۈملۈك چايلىرىنى ئىچىپ بېرىش، بەدەننىڭ ئېممونىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئۆسۈملۈك ئوزۇقلۇقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ ئەڭ قولاي ئۇسۇللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

يېشىل چاي: يېشىل چاينىڭ تەركىبىدە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قوللايدىغان ئاكتىپ ماددا بار.

زەنجىۋىل چېيى: زەنجىۋىلنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا نۇرغۇن ئاكتىپ تەسىرى بار.

چۆل يالپۇزى: بولۇپمۇ سوغۇق تېگىپ قېلىش نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان گال ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. چۆل يالپۇزىنىڭ تەركىبىدىكى ياللۇغنى پەسەيتىدىغان ماددىلار تومۇر ۋە كېكىردەكتىكى ئىششىق، قىزىرىش ۋە قاتتىق ئاغرىقلارنى ئازايتىدۇ. 

ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدىغان تولۇقلىمىلارۋىتامىن C: كۈندىلىك تۇرمۇش پائالىيەتلىرى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرى نەتىجىسىدە، كۈندىلىك قوبۇل قىلىنىدىغان ۋىتامىن C ئېھتىياجنى قاندۇرۇلماسلىقى مۇمكىن. تەركىبىدە ۋىتامىن C بولغان تولۇقلىمىلار بۇ ئېھتىياجنى قاندۇرالايدۇ.

ۋىتامىن D: ۋىتامىن D نىڭ كەمچىل بولۇشى ھەر دائىم يۇقۇملىنىشنىڭ خەتەرلىك ئامىلى. بولۇپمۇ قىش ئايلىرىدا ۋە قۇياش نۇرىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە پايدىلىنالمايدىغان كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان ۋىتامىن D نىڭ كەملىكى ئېھتىياجىنى تولۇقلىمىلار ئارقىلىق قاندۇرغىلى بولىدۇ.

ۋىتامىن B6: ۋىتامىن B6 ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان مۇھىم ماددا. ئىلمىي تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ۋىتامىن B6 نىڭ كەملىكى سەۋەبىدىن ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئاجىزلىشىپ كېتىدىكەن.

قارا بۇزۇن: «سامبۇكۇس نىگرا» دەپ ئاتىلىدىغان قارا بۇزۇن جەۋھىرى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قوللايدۇ. شۇنداقلا زۇكام، نەزلە قاتارلىق نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

مېھرىگىياھ: ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكتە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئۆپكە كېسەللىكلىرى ۋە باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە شىپادۇر.

 قايسى يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك؟

تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەردىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش ياكى ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلىش، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىشتە ناھايىتى مۇھىم:

• پىششىقلاپ ئىشلەنگەن شېكەر قوشۇلغان يېمەكلىكلەر،

• قورۇلغان يېمەكلىكلەر، تېز تاماقلار، تەييار تورت قاتارلىقلار،

• شاكىلات قاتارلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئورالغان يېمەكلىكلەر،

پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆشلەر،

• تەركىبىدە بۇغداي ئۇنى، گۆشنان، لاۋاش، نان قاتارلىق ئۇن سېغىزى بار ئۇزۇقلۇقلار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر