ئەنقەرە توشقىنى

بىلىۋېلىڭ (63)

2063042
ئەنقەرە توشقىنى

ئەنقەرە توشقىنى

بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن دۆلەتلەردە يېتىشتۈرۈلىدىغان «ئانگورا توشقىنى» نىڭ ئەنقەرەدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغانلىقىنى بىلەمسىز؟

دۇنيادا «ئانگورا توشقىنى»  دەپ ئاتىلىدىغان ئەنقەرە توشقىنى، يۇمشاق ۋە ئۇزۇن يۇڭلۇق توشقاندۇر. بۇ توشقاننىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە  بولۇپ ، بۇ يەردىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان.

تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئەنقەرە توشقىنىنىڭ نەسلى 1723-يىلى تۈركىيەدە تۈگەپ كەتكەن. ئوخشاش مەزگىلدە، ياۋروپادىكى فىرانسىيە ئاقسۆڭەكلىرى ئىچىدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەرمەك ھايۋان ئەنقەرە توشقىنى ئىدى. بۇ توشقان 1900-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكادا تونۇلغان. ئارىدىن قانچە ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن، گېرمانىيەدە ياشايدىغان بىر تۈركىيە پۇقراسى تەرىپىدىن تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئەنقەرە توشقىنى، ئانا يۇرتىنىڭ مۇھىتىغا ئاسانلا ماسلىشىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن، بۇ توشقان قايتا يېتىشتۈرۈلۈشكە باشلىنىدۇ.

ئەنقەرە توشقىنى ئاساسلىقى يۇڭى، ئاندىن گۆشى ۋە تېرىسى ئۈچۈن بېقىلىدۇ. يۇڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن يېتىشتۈرۈلىدىغان بىردىنبىر توشقان نەسلى ئەنقەرە توشقىنىدۇر. ھەر بىر توشقان ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا بىر كىلوگىرام يۇڭ ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئەنقەرە توشقىنى ئىنتايىن يېنىك،  يۇڭى ئىنتايىن يۇمشاق، يۇڭىنىڭ ئىزولياتسىيەلىك خۇسۇسىيىتى يۇقىرى بولۇپ، يۇقىرى ئىسسىقلىقنى ساقلايدۇ. بۇ خۇسۇسىيەتلىرى تۈپەيلى، بۇ توشقاننىڭ يۇڭى كۆپىنچە رەخت، دوپپا، پوپايكا، ئەدىيال، بوۋاقلار كىيىملىرى ۋە قار تېيىلىش كىيىملىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئېلېكتىر ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتى تۈپەيلى، رېماتىزم بىمارلىرى ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلىغان ئالاھىدە كىيىملەرنىڭمۇ ئاساسلىق ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە ئاۋاز دولقۇنىنى ئۆتكۆزمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئەنقەرە توشقىنىنىڭ ئالتۇن قىممىتىدىكى يۇڭى قوي يۇڭىغا قارىغاندا سەككىز ھەسسە ئىسسىقلىق بېرىدۇ ۋە سەزگۈرلۈك پەيدا قىلمايدۇ.

دۇنيادا 10 مىڭ توننىغا يېقىن توشقان يۇڭى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى كۈندە، ئەنقەرە توشقىنى يۇڭىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى،  ئۇنىڭ ئانا يۇرتى تۈركىيە ئەمەس ، بەلكى دۇنيا بويىچە % 90  توشقان يۇڭى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان خىتايدۇر. دۇنيا بويىچە جەنۇبىي ئامېرىكا، ئاۋىستىرالىيە ۋە ياۋروپادىمۇ يېتىشتۈرۈلىدىغان، سانى نەچچە مىليونغا يېتىدىغان ئەنقەرە توشقىنى، ئانا يۇرتىدىكى پەقەت بىر قانچە دېھقانچىلىق مەيدانىدىلا بېقىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر