كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇل (بەيكوز) ...

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىدا، ئىستانبۇلنى سەيلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، قېنى ئۇنداقتا دىققتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

2065156
كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇل (بەيكوز) ...

كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇل (بەيكوز) ...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بېلىقچى بازارلىرىنى سىلەرمۇ ياقتۇرامسىلەر؟ قىرغاقتىكى كېمىلەرنى، قېيىقلارنى ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئاسرايدىغان بېلىقچىلارنى، دېڭىزغا قارايدىغان ئۆيلەر ۋە ھەممە ئادەم ئۆز ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاشۇ جىمجىت بازارلارنى ياقتۇرامسىلەر؟ ئەگەر دېڭىزنى ياخشى كۆرسەڭلار، مەن تىلغا ئالغان بۇ بېلىقچى بازارلىرىنىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن. بۈگۈن بىز ئەنە شۇ بېلىقچى بازارلىرىنىڭ بىرىگە بارىمىز. قارا دېڭىزنىڭ ئىستانبۇل بوغۇزىغا تۇتىشىدىغان يېرىدىكى ئانادولۇ فەنەرى (ماياكى) بىزنىڭ بۈگۈنكى تۇنجى ساياھەت مەنزىلىمىز.

ئانادولۇ فەنەرى يېرىم ئارالغا بەرپا قىلىنغان بىر بازار بولۇپ، دېڭىزنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى ۋە قىرغاقتىكى قاتار – قاتار تىزىلىپ كەتكەن كىچىك ئۆيلىرى بىلەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بېلىقچىلىق بازىرى. ئانادولۇ فەنەرى بىر – بىرىدىن مەززىلىك ۋە يېڭى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى تېتىغىلى بولىدىغان رېستورانلىرى ۋە بۇ بازارغا نامى بېرىلگەن دېڭىز فەنەرى بىلەن بىزنى، بىزنىلا ئەمەس، قارا دېڭىز تەرەپتىن ئىستانبۇلغا كەلگەنلەرنى قارشى ئالىدۇ.

بىز ئانادولۇ فەنەرىدىن يولغا چىقىپ پويرازككۆيگە بارىمىز. بۇ ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ ئەڭ گۈزەل يېزىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ كىشىلەر توپىدىن يىراق، جىمجىت ۋە خاتىرجەم مۇھىتتا ۋاقىت ئۆتكۈزمەكچى بولغانلار ئۈچۈن، كۆڭۈلدىكىدەك جاي. بىر ئازدىن كېيىن، دېڭىز ساھىلىدىكى بېلىقچى كېمىلىرى ۋە ناھايىتى نەپس سېلىنغان يېزا ئۆيلىرىنىڭ ئالدىدىن ئۆتىمىز. بۇ يەردە گېنو دەۋرىدىن قالغان بىر قەلئە بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ۋىزانتىيە ۋە ئوسمانلىلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن پويرازكۆي قەلئەسى، قارا دېڭىزدىن ئىستانبۇل بوغۇزىغا ئۆتۈشنى كونترول قىلىش ۋە ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ياسالغانىكەن.

ئەمدىكى مەنزىلىمىز يەنە بىر بېلىقچىلىق شەھىرى. بىز ھازىر ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ جىمجىت بېلىقچىلىق رايونلىرىنىڭ بىرى بولغان ئانادولۇ كاۋاغىغا بارىمىز. ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ»نى پىرىستانغا لەڭگەرلەپ، كونا ياغاچ ئۆيلەر، يېشى بىر ئەسىردىن ھالقىيدىغان قارىغايلىقلار ئارىسىدىكى ئاجايىپ مەنزىرىلىك ئانادولۇ كاۋاغىنى سەيلە قىلىمىز.

*  *  *  *

ئانادولۇ كاۋاغى ئىستانبۇل بوغۇزىدىكى ئەڭ گۈزەل جايلارنىڭ بىرى، قارا دېڭىزنى ئاق دېڭىز بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان سودا يولىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىغا جايلاشقان ئانادولۇ كاۋاغى سودىدىلا ئەمەس، مۇداپىئەدىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. چۈنكى، تارىختىن بېرى ئىستانبۇل بوغۇزىنى قوغداشقا ئىنتايىن زور ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە ئانادولۇ كاۋاغىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋىزانتىيە، گېنو ۋە ئوسمانلىلار ئارىسىدا توختىماستىن ئالمىشىپ تۇرىدۇ.

بىز بىر ئازدىن كېيىن كۆرىدىغان يوروس قەلئەسى قارشى تەرەپتىكى ئىمروس قەلئەسى بىلەن بىرلىكتە قارا دېڭىز تەرىپىدىن ئىستانبۇلغا كىرىش ئېغىزىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ياسالغان. يوروس قەلئەسى گېنولۇقلار ئۇزۇن مۇددەت قەلئەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان بولغاچقا، ئومۇمەن <گېنو قەلئەسى> دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن، تاملىرىدىكى يېزىقلار قەلئەنىڭ شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە سېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قەلئەنىڭ كۆلىمى ئىستانبۇلدىكى باشقا قەلئەلەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىدىنمۇ چوڭ. ئەمدى ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ»نى لەڭگەرلەپ، قەلئە تەرەپكە قاراپ ماڭايلى. ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى —يۇنېسكونىڭ ۋاقىتلىق مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگەن يوروس قەلئەسىنىڭ ئىچكى تاملىرى يەنىلا ياخشى ھالەتتە ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئەمما، داۋام قىلىۋاتقان قېزىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن قەلئەگە كىرىش چەكلەنگەن. شۇڭلاشقا بىز پەقەت قەلئەنىڭ دەرۋازىسىغىچە بېرىپ، ئۇ يەردىكى قەھۋەخانىلارنىڭ بىرىدە بىرەر ئىستاكاندىن چاي ئېچكەچ، ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ كۆپكۆك سۈيىنى تاماشا قىلىمىز. بۇ مەنزىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ كېتىش قىيىن بولسىمۇ، ئەمما ئانادولۇ كاۋاغى مەيدانىدىمۇ كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان ئىمارەتلەر بار. كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تارىخىي ئىمارەتلەر ئىچىدە بەش يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتنى ئارقىدا قالدۇرغان مىدىللى ئەلى رەئىس جامەسى ۋە ئويمىچىلىقى بىلەن دىققەتنى تارتىدىغان جەۋرىيە خاتۇن فونتىنى بار.

ئەمدى بىز ئىستانبۇلدىكى ئىككىنچى ئېگىز تۆپىلىك بولغان يۇشا (جوشۇئا) تۆپىلىكىگە بارىمىز. بۇ قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ ئوخشىمىغان ئېتىقادتىكى مەدەنىيەتلەر تەرىپىدىن مۇقەددەس دەپ قارالغان جاي. ئۇ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھەر خىل ئېتىقادقا مەنسۇپ ساياھەتچىلەر زىيارەت قىلغان ماكان ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ دەسلىپىدە بىر زېئۇس بۇتخانىسى ئىكەنلىكى، كېيىنچە چېركاۋغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى مەلۇم. ئەپسۇسكى، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشلەر تۈپەيلىدىن، بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغانلىرى يوق. يۇشا تۆپىلىكى نامىنى مۇسا پەيغەمبەرگە سەپەرداش بولغان دەپ قارىلىدىغان يەشۇئ ياكى يەسۇئ پەيغەمبەردىن ئالغان. بۇ تۆپىلىكنىڭ مەنزىرىسى ئاجايىپ گۈزەل بولۇپ، ئىستانبۇل بوغۇزىنى تولۇق كۆرەلەيسىز.

بۈگۈنمۇ ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتتى. بىز ئانادولۇ كاۋاغى پىرىستانىغا لەڭگەرلەپ قويغان ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ»نى تېخىمۇ ئۇزۇن ساقلاتمايلى ۋە يېڭى بىر مەنزىلدە دىدارلىشىشنى تىلىگەن ھالدا، سىلەر بىلەن خۇشلىشايلى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر