كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇلنىڭ ئىككى قىرغىقى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىدا، ئىستانبۇلنىڭ ئانادولۇ ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى قىرغىقى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

2062206
كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇلنىڭ ئىككى قىرغىقى

كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇلنىڭ ئىككى قىرغىقى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بىز بۇ قەدىمىي ۋە ھەيۋەتلىك شەھەردىكى سەيلىمىزنى ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ شەرقىي چېتىدىكى ناھىيەسى شىلەدىن باشلىغانىدۇق. بۈگۈن بىز ئىستانبۇلنىڭ مەركىزىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىمىز.

ۋېنگرىيەنىڭ داڭلىق ئەربابلىرىدىن بىناكار كارولى كوس: «ئىستانبۇل بىر شەھەر، ئەمما ئۇ ھەر قانداق بىر شەھەر ئەمەس» دەيدۇ؛ ئۇ بۇ سۆزى ئارقىلىق ئىستانبۇلنى ئۇنداق ئاسان تەسۋىرلەپ تۈگەتكىلى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زىيارەت قىلىپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بېرىدۇ. ئىشىنىڭلاركى، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ شەھەرنى زىيارەت قىلىشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلمەيمەن. ئىستانبۇلنى سەيلە قىلىپ تۈگىتىشكە بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ، دەيدىغانلارمۇ بار. دەرۋەقە، ئىستانبۇلنى بىر قېتىمدىلا سەيلە قىلىپ تۆگىتىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس. بىز سەيلىمىزنى باشلايلى – دە، قانچىلىكىنى كۆرەلەيمىزكىن.

*  *  *  *

قەدىمكى دەۋر تارىخچىلىرى ئىستانبۇلنى «بوغۇز خانىشى» ياكى «بوغۇز مەرۋايىتى» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. دەرۋەقە، ئىستانبۇلنىڭ گۈزەللىكى تىللاردا داستان؛ يۇقىرىقى سۆزلەر دېيىلىپ، ئارىدىن نەچچە ئەسىرلەر ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىستانبۇلنىڭ گۈزەللىكى ھېلىھەم ئىزچىل ھېكايە قىلىنماقتا. ئىستانبۇل دۇنيادىكى ئىككى قىتئەنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئاز ساندىكى شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئۇ ھەم گۈزەللىكى ھەمدە ئىستراتېگىيەلىك ئورنى بىلەن ھەر دەۋرنىڭ مۇھىم شەھىرى بولۇپ كەلدى. ئۇ ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ ئىككى مۇھىم قىتئە ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈك ھاسىل قىلغان. ئىستانبۇلنىڭ ئاسىيا قىتئەسى تەرىپى «ئانادولۇ تەرەپ» ياكى «ئاسىيا تەرەپ» دەپ ئاتىلىدۇ. ياۋروپا تەرەپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە بەكرەك تونۇش، ئەمما مەن ھازىر سىلەرگە سىلەرمۇ تۇنجى قېتىم ئاڭلايدىغان بولۇش ئېھتىمالىڭلار بولغان بىر نەرسىنى دەپ بېرىمەن. شۇنداق، ئىستانبۇلدىكى تۇنجى ئولتۇراق رايون ئانادولۇ تەرەپتە قۇرۇلغان. قەدىمكى دەۋرنىڭ مۇھىم تارىخ ئالىمى ھىرودوت، ۋىزانتىيە قۇرۇلۇشتىنلا بۇرۇن، ئانادولۇ تەرەپتە بىر ئولتۇراق رايوننىڭ بارلىقىنى ئېيتىدۇ. ھىرودوت «ئەمالار شەھىرى» دەپ ئاتىغان يەر خالكەدون، بۈگۈنكى قادىكۆيدۇر. دېمەك، دېڭىزنىڭ ھەر ئىككى قىرغىقىدا بايان قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر – بىرىدىن گۈزەل، بىر – بىرىدىن ئالاھىدە جايلار ۋە ھېكايىلەر بار. ئەلۋەتتە، ئىككى قىتئەنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان  ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پەرقلىق نۇقتىلىرىمۇ بار! مەسىلەن، ياۋروپا تەرىپىگە قارىغاندا ئانادولۇ تەرەپتە ئادەم كۆپ ئەمەس. چۈنكى ئانادولۇ تەرەپنىڭ نوپۇسى قارشى تەرەپنىڭ نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئانادولۇ تەرەپ بىر قەدەر تىنچ بولۇپ، بېسىم بىر قەدەر ئاز بولىدۇ. ياۋروپا تەرىپىگە سېلىشتۇرغاندا، ئەلۋەتتە، قاتناشمۇ ئادەمنى ئازراق چارچىتىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، ئىستانبۇلنىڭ قاتناش قىستاڭچىلىقى ئېغىر بولۇپ، ئۇنى بىر ئازدىن كېيىن سىلەرمۇ كۆرىسىلەر ياكى ئۇنى ئىلگىرىكى كەچۈرمىشلىرىڭلاردىن بىلىشىڭلارمۇ مۇمكىن. شۇڭلاشقا، تەتقىقاتلار ئانادولۇ تەرەپتە ياشايدىغان ۋە ئىشلەيدىغان ئىستانبۇللارنىڭ بىر قەدەر تىنچ ۋە بېسىمىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپا تەرەپ تېخىمۇ تېز قۇرۇلۇشلىشىشقا دۇچ كەلگەچكە، يېشىل رايونلار ئاز. ھالبۇكى، ئانادولۇ تەرىپى ئورمان، باغچە ۋە يېشىل رايونلارغا باي. ئانادولۇ تەرەپتە ياشايدىغانلارنىڭ شەھەردىن يىراقلاشمايلا تەبىئەتنىڭ قوينىغا كىرىپ، بېسىملىرىنى يەڭگىللىتىشى تېخىمۇ ئاسان. مەسىلەن، بەيكوز، ئۈسكۈدار، شىلە، ئاغۋا قاتارلىقلار ئاممىۋى قاتناشقا ئولتۇرۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېتىپ بارغىلى بولىدىغان جايلار ھېسابلىنىدۇ. مەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن جايلار ئارام ئالماقچى بولغان ئىستانبۇللۇقلارنىڭ ھەپتە ئاخىرلىرىدىكى دائىملىق ئارامگاھلىرىدۇر.

مەن ئىستانبۇلنىڭ ياۋروپا تەرىپىنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى تىلغا ئالدىم، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ تارىخىي قىممىتى بىلەن ئانادولۇ تەرەپتىن ئېشىپ كېتىدۇ. مەسىلەن، ئىستانبۇلنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىكى چېگراسىنى بەلگىلەيدىغان ۋە بۇ شەھەر قۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلغان «تارىخى يېرىم ئارال» ياۋروپا تەرىپىگە جايلاشقان. سۇلتان ئەھمەد، ئاياسوفىيا، توپقاپى ئۈستى يېپىق چوڭ بازىرى ۋە باشقا نۇرغۇن جايلار ھەر بىر ساياھەتچى كۆرمەستىن ئايرىلمايدىغان يەرلەر ھېسابلىنىدۇ...

*  *  *  *

ئىستانبۇل دېڭىز بوغۇزىنىڭ ھەر ئىككى قىرغىقى بىر – بىرىدىن جەلپكار... بىز ھەر ئىككىسىنى سەيلە – ساياھەت قىلىپ، كۆرۈپ چىقىمىز. بىز ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ»قا ئولتۇرۇپ، قارشى قىرغاققا ئۆتۈش جەريانىمىزدا سېتىۋالغان سىمىت (تۈركىيە گىردىسى)لىرىمىزنى ئاققۇلارغا تاشلاپ بەرگەچ، بوغۇزنىڭ ئۆزگىچە گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىمىز.

ئىستانبۇل ئوخشىمىغان دىن، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ئاجايىپ گۈزەل ماكان. ئىستانبۇل ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۆتمۈشى، سېھرىي كۈچكە ئىگە مەنزىرىسى، تەبىئىتى، تارىخى، قىسقىسى ھەممىلا نەرسىسى بىلەن كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالىدۇ. ئانادولۇ تەرەپمۇ، ياۋروپا تەرەپمۇ كىشىلەرنى ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن ئۆزىگە تارتىپ، كىشىنى گويا چۈش كۆرۈۋاتقاندەكلا تۇيغۇغا ئىگە قىلىدۇ. ئىستانبۇل ھەققىدە سۆزلىنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار، ئەمما بىزنىڭ ۋاقتىمىز چەكلىك. ئەگەر سىلەر ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ»تىكى ئورنۇڭلارنى ۋە بىز بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋاقتىڭلارنى ئۇنتۇپ قالمىساڭلارلا، ئىستانبۇلنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلاش بىلەنلا قالماي، بۇ ھېكايىنى بىز بىلەن بىرلىكتە ياشىشىڭلارمۇ مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر