تۈركىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم قاتناشقان خەلقئارالىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى

بىلىۋېلىڭ (61)

2060829
تۈركىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم قاتناشقان خەلقئارالىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى

تۈركىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم قاتناشقان خەلقئارالىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا قاتناشقان تۇنجى خەلقئارالىق مۇسابىقىنىڭ 1924-يىلدىكى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا تۇنجى قېتىم قاتناشقان دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق مۇسابىقە، 1924-يىلى پارىژدا  ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدۇر. يېڭى تۈركىيە دۆلىتى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دۇنيا مىقياسىدا تونۇلۇشنىڭ ياخشى تەشۋىقات قورالى دەپ قارايدۇ. مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىن كېيىن، تۈركىيە بايلىق مەنبەلىرىنىڭ يېتەرسىز بولۇشىغا قارىماي، پۇتبول، چېلىشىش، يېنىك ئاتلېتىكا، قىلىچۋازلىق ۋە ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە 40 تەنھەرىكەتچىنى پارىژغا ئەۋەتىدۇ.

1936-يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە، تۈركىيەلىك كوماندىلار قاتارىدا تۇنجى قېتىم تۈرك ئايال تەنھەرىكەتچىلەرمۇ قاتنىشىدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدا،  بېرلىندا «ناتسىزىم» ئىدىئولوگىيەسى ۋە ئادولف گىتلېرنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن 11-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە، تۈركىيەدىن ئىككى ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 تەنھەرىكەتچى قاتنىشىدۇ، ھەمدە تۈركىيە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى دەسلەپكى مېداللارغىمۇ مۇشۇ يەردە ئېرىشىدۇ.

ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا تۇنجى بولۇپ سەھنىگە چىققان تۈركىيە تەنھەرىكەتچىسى ئەركىن چېلىشىش ماھىرى مەرسىنلىق ئەھمەت كىرەچچى بولۇپ، ئۇ شۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە مىس مېدالغا ئېرىشىدۇ.

ياشار ئەركان چېلىشىش تۈرىدە چېمپىيون بولىدۇ. بۇ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا تۈركىيە قازانغان ھەم تۇنجى غەلىبە ھەم تۇنجى ئالتۇن مېدال ھېسابلىنىدۇ.

مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ھامان، ياشار ئەركانغا دەرھال تېلېگرامما يوللاپ، غەلىبىسى تەبرىكلەيدۇ: «ئۆزىڭىز كىچىك بولسىڭىزمۇ، ئەمما دۆلەت ئۈچۈن ناھايىتى زور شان - شەرەپ كەلتۈردىڭىز، ئىسمىڭىز ئەمدى تۈركىيەنىڭ تەنتەربىيە تارىخى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتتى، ياشاپ كېتىڭ!»

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن باشلاپلا تۈركىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشى، تۈركىيەنىڭ تەنتەربىيە تارىخى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇزۇن يىللار ئۇرۇشنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا قالغان تۈركىيەنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا، تۈرك تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ خەلقئارالىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشى تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، ھەر ساھەدىكىگە ئوخشاشلا تەنتەربىيەنى قوللاش ئارقىلىقمۇ ئۆزىنىڭ زامانىۋى بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى پۈتكۈل جاھانغا نامايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر