كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇل (شىلە)...

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىدىمۇ ئىستانبۇلنى، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئىستانبۇلنىڭ شىلە رايونىنى سەيلە قىلىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

2059281
كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇل (شىلە)...

كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇل (شىلە)...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ساياھە كېمىمىز «سەيياھ»قا كەلگەنلىكىڭلارنى قارشى ئالىمىز. بىز كۆپكۆك دېڭىزدا ئىلگىرىلەپ، كۈنسېرى ئىستانبۇلغا يېقىنلىشىۋاتىمىز؛ بۈگۈنكى مەنزىلىمىز شىلە.

شىلەنىڭ تارىخى مىلادىدىن ئىلگىرىكى  7 - ئەسىرگە تۇتىشىدۇ. بۇ كىچىك ئولتۇراق رايون قەدىمكى يۇنان دەۋرىدىن باشلاپ رىم، ۋىزانتىيە ۋە ئوسمانلى مەدەنىيەتلىرىگە ساھىبخانلىق قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە شىلە ئىستانبۇلنىڭ بىر ناھىيەسى بولۇپ، ئاممىۋى قاتناش بىلەنلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يەرنى ئىستانبۇلغا يېقىنلىقى، جىمجىت ۋە تىنچ دەم ئېلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ.

شىلە كىچىك بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەردە زىيارەت قىلىدىغان نۇرغۇن جاي بار. بىز بىر ئازدىن كېيىن ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ»نى لەڭگەرلەپ، شىلە سەيلىمىزنى ئۇدۇلىمىزدا كۆرۈنۈپ تۇرغان ماياكنىڭ يېنىدىن باشلايمىز.

*  *  *  *

شىلە ماياكى تۈركىيەدىكى مەشغۇلاتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەڭ چوڭ ماياك. ئۇ يەنە ياۋروپادىكى ئەڭ ئېگىز ماياكلارنىڭ بىرى. مەلۇمكى، ئۇ تۇنجى قېتىم ۋىزانتىيە دەۋرىدە ياسالغان، ۋەيران بولغاندىن كېيىن، ئوسمانلى دەۋرىدە قايتا ياسالغان. بۇ تارىخىي ماياكنىڭ نۇرىنى ھاۋارايى ئوچۇق چاغلاردا ناھايىتى يىراق يەرلەردىن كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى تۈپەيلى ئۇرۇش مەزگىللىرىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شىلەنىڭ بىر پۈتۈن كۆرۈنۈشىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلار، ماڭا ئەگىشىڭلار، ماياكنىڭ پەلەمپەيلىرىدىن بىرلىكتە چىقايلى.

بۇ يەردىن شىلە مەركىزىگە جايلاشقان شىلە قەلئەسىگە بارىمىز. قەلئەنىڭمۇ ئۆتمۈشى ۋىزانتىيە دەۋرىگىچە سوزۇلىدۇ. بۇ قەلئە ھۇجۇم قىلىش مەقسىتىدە ئەمەس، «كۆزىتىش قەلئەسى» سۈپىتىدە ياسالغان بولۇپ، ئوسمانلى دەۋرىدىمۇ كۆزىتىش مۇنارى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن.

ئەمدى شىلەنىڭ تەبىئىي مەنزىرىلىك جايلىرىنى سەيلە قىلىشنى باشلايلى. ئالدى بىلەن، «ئاغلايان كايا (يىغلايدىغان تاش)» قا بارىمىز. ئاغلايان كايا ۋە ئۇنىڭ دېڭىز ساھىلى شىلەنىڭ داڭلىق تەبىئىي گۈزەل ماكانلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. كۆك بايراقلىق دېڭىز ساھىلى تار بىر قولتۇققا جايلاشقان بولۇپ، شىلەدىكى ئەڭ ياخشى سۇ ئۈزۈش ماكانلىرىنىڭ بىرى. مەن دەرھال شەھەر مەركىزىدىن پىيادە مېڭىپلا بارغىلى بولىدىغان يەردىكى ئاغلايان كايا ھەققىدىكى رىۋايەتنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىۋېتەي. بىر - بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ئىككى ئاشىق- مەشۇقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، بۇ تاشلاردىن سەكرەپ ئۆلۈۋالغانلىقى، تاشنىڭ شۇنىڭدىن باشلاپ يىغلاپ كېلىۋاتقانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تاشلار ئارىسىدىن ئېقىپ چۈشكەن سۇ بۇ كارتىنىنى ھاسىل قىلىدۇ. قاراڭلار! سىلەرمۇ تاشنىڭ ئارىسىدىن چۈشۈۋاتقان سۇنى كۆردۈڭلارمۇ؟! ئەمدى ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان قۇمبابا تۆپىلىكى ساھىلىغا بارايلى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، دېڭىز ساھىلىنىڭ قېنىق ۋە قىزغۇچ سېرىق قۇملىرى ئوخشىمىغان كېسەللىكلەرگە، بولۇپمۇ رېماتىزمغا پايدا قىلىدىكەن. مەلۇمكى، ۋىزانتىيە دەۋرىدە دېڭىز ساھىلى كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدۇ، دەپ قارالغان بولغاچقا، «قۇم مۇنچىسى» سۈپىتىدە ئىشلىتىلەتتى.

شىلەدە يەنە نۇرغۇن ئۆڭكۈرلەر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۆتمۈشىنىڭ يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگىچە سوزۇلىدىغانلىقى مەلۇم. شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىكلىرىدىن قاچقان خىرىستىيانلار شىلەدىكى تەبىئىي ئۆڭكۈرلەردە پاناھلىنىپ، تۇرمۇشىنى مۇشۇ داۋاملاشتۇرغانىكەن. ئىمپېرىيە بولسا، بۇ ئۆڭكۈرلەردىن بىرىنى تۈرمە قىلىپ ئىشلىتىپ، قولغا چۈشۈرگەن خىرىستىيانلارنى شۇنىڭغا قامىغانىدىكەن. شىلەدىكى ئۆڭكۈرلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ كىشىلەرگە ھاياتلىق بېغىشلىشى، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن زىندان بولۇشى، سىلەرگە نىسبەتەنمۇ ھەيران قالارلىق ئەمەسمۇ؟ بىز بىر ئازدىن كېيىن كۆرىدىغان شېنوفون (Xenophon)، ھازىرقى نامى بويىچە سوفۇلار ئۆڭكۈرلىرى، دەسلەپكى دەۋر خىرىستىيانلىرى تەرىپىدىن چېركاۋ قىلىپ ئىشلىتىلگەن تەبىئىي ئۆڭكۈر. تۈرمە قىلىپ ئىشلىتىلگەن گۈرلەك ئۆڭكۈرى بولسا، ھەۋەسكار ئۆڭكۈرچىلەرگە ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى، ئۆڭكۈرنىڭ كىرىش ئېغىزى بىر قەدەر تار بولۇپ، ئىچىدىن توختىماي سۇ ئېقىپ تۇرىدۇ. بۇ سۇ يەرنى تېيىلغاقلاشتۇرۇۋېتىدىغان بولغاچقا، تەجرىبىسىز كىشىلەر ئۈچۈن قىيىن، ھەتتا خەتەرلىك ھېسابلىىندۇ. شۇڭلاشقا، بىز ھەر ئىككى ئۆڭكۈرنى پەقەت سىرتتىنلا كۆرىمىز.

*  *  *  *

مەن شىلەنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىنى بايان قىلىشنى ئازراق توختىتىپ، سىلەرگە بۇ يەردە توقۇلىدىغان ئالاھىدە بىر رەخت ھەققىدە سۆزلەپ بېرىمەن. بۇ رەخت پۈتۈنلەي شىلەگە خاس بولۇپ، بۇ يەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ «شىلە رەختى» دەپ ئاتىلىدۇ. «شىلە رەختى» يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان سايمانلاردىن پايدىلىنىپ، قول بىلەن پاختا يىپتىن توقۇلىدۇ. ئۇ ئىنتايىن ساغلام ۋە تەبىئىي رەخت بولۇپ، ئۆزى نېپىز، تەرنى سۈمۈرۈش ئالاھىدىلىكى يۇقىرى. «شىلە رەختى» يۇيۇلغانسېرى ئاقىرىدىغان بولغاچقا، ئۇزۇن يىللار بويىچە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. دەۋرىمىز كىشىلىرىنىڭ تەبىئىي مەھسۇلاتلارغا يۈزلىنىشى بىلەن، مۇھىتقا ماس، ساغلام شىلە رەختلىرىگە بولغان ئېھتىياج كۈندىن كۈنگە ئاشماقتا. بۇ رەختتىن ئەنئەنىۋى تۈرك نەقىشلىرى سەۋرچانلىق بىلەن كەشتىلەنگەن ئېسىل كىيىملەرمۇ، زامانىۋى كىيىملەرمۇ تىكىلىدۇ. كېلىڭلار، ھەممە بىرلىكتە بۇ مەھسۇلاتلار سېتىلىدىغان دۇكانلارنىڭ بىرىگە كىرىپ، گۈزەل، شۇنداقلا چىرايلىق شىلە رەختلىرىنى يېقىندىن كۆرۈپ باقايلى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەرىنى تاللاشتا قىينىلىدىغانلىقىڭلارنى بىلىمەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر