خىزمەت دۇنياسىدىكى يېڭى تەرتىپ - ئېلاستىكىلىق ئىقتىساد تۈزۈمى

كۆزنەك (60)

2055242
خىزمەت دۇنياسىدىكى يېڭى تەرتىپ - ئېلاستىكىلىق ئىقتىساد تۈزۈمى

خىزمەت دۇنياسىدىكى يېڭى تەرتىپ - ئېلاستىكىلىق ئىقتىساد تۈزۈمى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىنتېرنېت دەۋرى ۋە يەر شارىلاشقان دۇنيادا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى مەزگىلىدە كەڭ ئومۇملاشقان «ئېلاستىكىلىق ئىقتىساد تۈزۈمى»، بۈگۈنكى كۈندىمۇ تېز تەرەققىي قىلىپ، كەڭ دائىرىدە يولغا قويۇلماقتا. ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان «ئېلاستىكىلىق ئىقتىساد تۈزۈمى» نىڭ سەلبىي تەرەپلىرىمۇ يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئۇنداقتا «ئېلاستىكىلىق ئىقتىساد تۈزۈمى» دېگەن نېمە؟

ئىنتېرنېت دەۋرى «ئېلاستىكىلىق ئىقتىساد تۈزۈمى» دەپ ئاتىلىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى ئېلىپ كەلدى. بۇ تۈزۈم «گىگ ئىقتىساد تۈزۈمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

بولۇپمۇ «كوۋىد – 19» يۇقۇمى مەزگىلىدە كەڭ ئومۇملاشقان  «ئېلاستىكىلىق ئىقتىساد تۈزۈمى» يەر شارىلاشقان دۇنيادىمۇ داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، ھەر خىل ياشتىكى كىشىلەرنىڭ مۇقىم ياكى قوشۇمچە كىرىم قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرمەكتە.

ئەركىن خىزمەت ئەندىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تۈزۈمنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرى بار.

ئۇنداقتا كۈندىن-كۈنگە زورىيىۋاتقان بۇ ئىقتىسادىي ئەندىزە زادى قانداق ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ؟

«ئېلاستىكىلىق ئىقتىساد تۈزۈمى» نىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرى

«گىگ» دېگەن سۆز مۇزىكا كەسپىدىن كەلگەن بىر ئاتالغۇ بولۇپ، «قىسقا مۇددەتلىك خىزمەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئېنىقلىمىسى بولسا، «خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ۋاقىتلىق خىزمەت ياكى ئىشقا ئورۇنلىشىش تۈزۈمى» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.

بولۇپمۇ «كوۋىد – 19» يۇقۇمى دەۋرى ئېلىپ كەلگەن خىزمەت شارائىتىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن «ئېلاستىكىلىق ئىقتىساد تۈزۈمى» نىڭ كەڭ ئومۇملىشىش سۈرئىتى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

ئەركىن خىزمەت ئەندىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئېلاستىكىلىق ئىقتىساد تۈزۈمى» نىڭ ئىجابىي تەرەپلىرى بولغىنىدەك، بىرقاتار سەلبىي تەرەپلىرىمۇ بار، ئەلۋەتتە.

خىزمەتچىلەرنىڭ پەقەت خوجايىنى بىلەنلا توختام تۈزۈشى، ئۇيۇشما ھەق - ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىشى ياكى مۇقىم كىرىمىنىڭ بولماسلىقى قاتارلىق ئامىللارنى «خەتەرلىك ئەھۋال» دېيىشكە بولىدۇ.

ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن، «ئېلاستىكىلىق ئىقتىساد تۈزۈمى»  بىزگە مۇھىم پۇرسەتمۇ سۇنماقتا. ئەركىن خىزمەت ئەندىزىسىگە: «كىشىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن يېڭى خىزمەتلەرنى تېپىشىغا، بولۇپمۇ دىگىتال مۇنبەرلەردە يېڭى خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغان ئەندىزە» دەپ ئېنىقلىما بېرىش مۇمكىن.

ئەڭ مۇھىم ئامىل «تېجەشلىك بولۇش»

بولۇپمۇ چوڭ شىركەتلەر كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ۋە ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن، «ئېلاستىكىلىق ئىقتىساد تۈزۈمى»  ئېلىپ كەلگەن ئەركىن خىزمەت ئەندىزىسىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بىر خادىمنى خىزمەت قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭغا پۈتۈن كۈنلۈك ئىش ھەققىنى بەرگىنىڭىزدە، ئىش ھەققى بىلەن بىرلىكتە ناھايىتى كۆپ چىقىم قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەمما سىز بۇ خادىمغا ھەر كۈنى ياكى ھەر ئاي 5 سائەت خىزمەت قىلدۇرسىڭىز ، بۇنىڭ چىقىمى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.

نۆۋەتتە شىركەتلەرنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدا مۇقىم ئىشلەيدىغان خىزمەت گۇرۇپپىلىرى بولغىنىدەك، ھەم بۇ شىركەتلەرنىڭ ھەم خېرىدارلىرىنىڭ بەزى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرىدىغان ئىختىيارىي خادىملىرىمۇ باردۇر.

مەنبەسى: TRT Haber



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر