ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ئاساسىدا ياراتتى

ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى.

2053387
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ئاساسىدا ياراتتى

ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ئاساسىدا ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: زۇمەر سۈرىسى، 1 - 5 - ئايەتلەر. ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

بۇ كىتاب غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر[1]. ساڭا بىز (بۇ) كىتابنى ھەقىقەتەن ھەق بىلەن (يەنى ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا) نازىل قىلدۇق، دىنىڭنى شېرىكتىن (ۋە رىيادىن) ساپ قىلغىنىڭ ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن[2]. بىلىڭلاركى، (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ دىن ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى ھىمايىچى قىلىۋالغانلار: «بىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر» (دەيدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن (قىيامەت كۈنى) ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن يالغانچىنى، (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ[3]. ئەگەر ئاللاھ بالا تۇتۇشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، مەخلۇقات ئىچىدىن خالىغاننى ئىختىيار قىلاتتى، ئاللاھ (بالا تۇتۇشتىن) پاكتۇر، ئۇ غالىب بىر ئاللاھتۇر[4]. ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ئاساسىدا ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى قىيامەتكىچە ئۆز ئوقىدا) سەير قىلىدۇ، بىلىڭلاركى، ئۇ (يەنى ئاللاھ ئۆز ئىشىدا) غالىبتۇر. (بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى) تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[5].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر