ئانادولۇ ئاگېنتلىقى

بىلىۋېلىڭ (58)

2051608
ئانادولۇ ئاگېنتلىقى

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى بولغان ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن قۇرۇلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى زېمىنلىرىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى بىلەن باشلانغان مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، 1920-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى قۇرۇلغان ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ ھەر بىر باسقۇچىغا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ۋە تۈرلۈك ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىگە شاھىت بولدى.

1920-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىستانبۇل ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ، بۇ يەردىكى زىيالىيلار مىللىي كۈرەشكە قاتنىشىش يولىنى تاللاپ، ئەنقەرەگە بارىدۇ. بۇ زىيالىيلارنىڭ ئىچىدە ژۇرنالىست يۇنۇس نادى، ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى خالىدە ئەدىپ قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى.

مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئۆزگىرىشلەرنى ئەڭ توغرا ئۇسۇلدا بىلدۈرۈش، بۇ كۈرەشنىڭ ھەققانىيلىقىنى پۈتكۈل دۇنياغا ئېلان قىلىش زۆرۈر ئىدى. بۇ مەقسەتتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان خالىدە ئەدىپ بىلەن يۇنۇس نادى بىر خەۋەر ئاگېنتلىقى قۇرۇش توغرىسىدىكى ئوي – پىكىرلىرىنى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرككە يەتكۈزىدۇ.

مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ باشلىرىدىلا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەن، بۇ مەقسەتتە گېزىت چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنىدى.

 شۇنداق قىلىپ، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى باسقۇچىدا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئېچىلىشتىن 17 كۈن بۇرۇن، 1920-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى، مۇستاپا كامال تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان قارارنامەگە ئاساسەن پائالىيەتلىرىنى باشلايدۇ.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى 1925-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى «ئانادولۇ ئاگېنتلىقى تۈركىيە پاي چەكلىك شىركىتى» نىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن زامانىۋى ئاخبارات ئورگىنىغا ئايلىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ئەينى ۋاقىتتىكى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان مۇستەقىل ئاخبارات ئورگىنىغا ئالىنىدۇ.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى شۇنىڭدىن باشلاپ رەسمىي ئاخباراتچىلىق پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر