ئەمىنە  ئەردوغاننىڭ ھىمايىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نۆل تاشلاندۇق لايىھەسى خەلقئارالىق لايىھەگە ئايلانماقتا.

كۆزنەك (58)

2048922
ئەمىنە  ئەردوغاننىڭ ھىمايىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نۆل تاشلاندۇق لايىھەسى خەلقئارالىق لايىھەگە ئايلانماقتا.

ئەمىنە  ئەردوغاننىڭ ھىمايىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نۆل تاشلاندۇق لايىھەسى يەر شارى خاراكتېرلىك لايىھەگە ئايلانماقتا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغاننىڭ ھىمايىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نۆل تاشلاندۇق لايىھەسى نۆۋەتتە يەر شارى خاراكتېرلىك لايىھەگە ئايلانماقتا.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 78 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنلىرى دائىرىسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى تۈرك ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يەر شارى خاراكتېرلىك نۆل تاشلاندۇق خىزمىتى» يىغىنىدا، «نۆل تاشلاندۇق لايىھەسى» نىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك لايىھەگە ئايلىنىشى يولىدا تاشلانغان تۇنجى قەدەم ھېسابلىنىدىغان «ياخشى نىيەت باياننامەسى» نى ئىمزالىدى.

بۇ يىغىنغا قاتناشقان سۇرىنام، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، سېيشېل، سېربىيە، بۇلغارىيە، لىتۋانىيە، زىمبابۋې ۋە سېررالېيون رەھبەرلىرىنىڭ خانىملىرىمۇ  «ياخشى نىيەت باياننامەسى» گە ئىمزا قويۇپ، نۆل تاشلاندۇق لايىھەسىنىڭ پىدائىيلىرىغا ئايلاندى.

«دۇنيادا مىنۇتىغا  بىر مىليارد پىلاستىك شېشە ئىشلىتىلىدۇ.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىىقىسى ئەمىنە ئەردوغان سۆزىدە، پىلاستىكىلىق ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، دۇنيادا ھەر مىنۇتتا  بىر مىليارد پىلاستىك شېشىنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، بۇ تاشلاندۇقلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ دېڭىز - ئوكيانلار بىلەن ئارىلىشىپ كېتىپ، جانلىقلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەمىنە ئەردوغان ھەر يىلى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان 2 مىليارد توننا ئائىلە ئەخلەتلىرىنىڭ 4 مىليارد توننىغا يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: « ئىستېمال نىسبىتىنىڭ بۇنداق يۇقىرى بولۇشى ئىسراپچىلىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە تەبىئىي بايلىقلىرىمىزنىڭ خوراپ كېتىشىگىمۇ سەۋەب بولماقتا.»

ئۇ ئۆزلىرى تۈركىيەدە ئىشقا كىرىشتۈرگەن نۆل تاشلاندۇق سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «6 يىل مەبەينىدە 650 مىليون توننا خام ئەشيا ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق ئايلانما ئىقتىسادقا تۆھپە قوشتۇق. بۇ مەزگىلدە 2 مىڭ پۇتبول مەيدانى چوڭلۇقىدىكى بىر زېمىن ۋە 2 مىليوندىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ يىللىق سۇ ئېھتىياجىغا تەڭ كېلىدىغان سۇ مەنبەسى قوغدىلىپ قالدى.»

دۇنيا مۇھىتىنى بۇلغاۋاتقان دۆلەتلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان تۈركىيەدە قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ نەتىجىلەرنىڭ دۇنيادىكى مۇھىت بۇلغىنىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يەتمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا بولۇپمۇ دۇنيا مۇھىتىنى بۇلغاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەمىنە  ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 77 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بىلەن نۆل تاشلاندۇق ھەرىكىتىنىڭ ئاساسى بولغان «ياخشى نىيەت باياننامەسى» نى ئىمزالىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ باياننامەنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا مۇھىتى بۇلغانمىغان بىر دۇنيا مىراس قالدۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىدۇق. شۇ ۋەجىدىن،  مەن ئىنسانلار ئائىلىسىنى بۇ باياننامەگە ئىمزا قويۇش ئارقىلىق، ئەتە ئەمەس، بۈگۈننىڭ ئۆزىدىلا مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ پىدائىيلىرىدىن بولۇشقا چاقىرىمەن.»

ئۇ تۈركىيەنىڭ پارىژ كىلىمات كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، 2020-يىلغىچە يېشىل كىلىمات فوندىنى 100 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش توغرىلىق ۋەدە بېرىلگەن بولۇشىغا قارىماي،  بۇ ۋەدىنىڭ تېخىچە ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئۆزلىرى سەۋەب بولۇۋاتقان مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئافرىقا ئەللىرى، كىچىك ئارال دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى زىيانلىرىنىڭ ئالدىدا سۈكۈت قىلماقتا. شۇ ۋەجىدىن، كىلىمات كرىزىسى يەنىلا خەلقئارالىق سەمىمىيەت ۋە ئىشەنچ سىنىقى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.»

تۈركىيەنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات پىلانلىرى دائىرىسىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىگە سۇنغان «نۆل تاشلاندۇق» قارار لايىھەسى، 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ماقۇللاندى. شۇنىڭ بىلەن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغاننىڭ ھىمايىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «نۆل تاشلاندۇق لايىھەسى»  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئاساسەن قوللاشقا ئېرىشتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى قارار ماقۇللاپ، 30-مارتنى «خەلقئارا نۆل تاشلاندۇق كۈنى» ئېلان قىلدى.

مەنبەسى: TRT Haber



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر