ئىتالىيەنىڭ ‹ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئارىلى› ئاقدېڭىزغا ئۈلگە بولماقتا

كۆزنەك (55)

2039058
ئىتالىيەنىڭ ‹ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئارىلى› ئاقدېڭىزغا ئۈلگە بولماقتا

ئىتالىيەنىڭ ‹ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئارىلى› ئاقدېڭىزغا ئۈلگە بولماقتا

ئىتالىيەنىڭ توسكانا رايونىغا جايلاشقان، ئېلېكتر ئېھتىياجىنى پۈتۈنلەي  قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بىلەن قاندۇرىدىغان، يامغۇر سۈيى ئادەتتە دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان، ئورگانىك دېھقانچىلىق ۋە بېلىقچىلىق پائالىيەتلىرى يولغا قويۇلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق كاپرايا ئارىلى سىجىل تەجرىبىلىرى بىلەن ئاقدېڭىزدىكى باشقا ئاراللارغا ئۈلگە بولماقتا.

ئىتالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بۇ ئارالدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئارال كاپرايا لايىھەسى دائىرىسىدە، - پۈتۈنلەي ئىزچىللىقنى ساقلاش مەقسىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئارال ئاھالىلىرى،

- ئېلېكتر ئېھتىياجىنى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن قامدايدۇ،

- دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا ۋە ئۆيلىرىدە يامغۇر سۈيى ئىشلىتىدۇ،

- ئارالدىكى دېھقانچىلىق ۋە بېلىقچىلىق پائالىيەتلىرىنى ئورگانىك ئۇسۇلدا قانات يايدۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

چوڭ قۇرۇقلۇقتىن خېلىلا يىراق بولغاچقا، ئۇزۇن يىلللاردىن بۇيان مەھبۇسلار ئەۋەتىلىدىغان ۋە دېھقانچىلىققا ئىشلىرىغا سېلىنىدىغان دالا تۈرمىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان بۇ ئارال 1986-يىلىدىن كېيىن ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى.

ئارالغا چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئۇلىنىدىغان توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى بولمىغاچقا، بۇ پايدىسىز ئەھۋالنى پايدىلىق ئەھۋالغا ئايلاندۇرۇپ، ئارالنىڭ توك ئېھتىياجىنى قايتا ھاسىل بولىدىغان مەنبەلەر ئارقىلىق قاندۇرۇش ئۈچۈن قەدەم تاشلاندى.

بۇ مەقسەتتە شىمالىي ياۋروپادىن كەلتۈرۈلگەن مايلىق دانلىق ئۆسۈملۈكلەردىن بىيو دىزېل ھاسىل قىلىندى، بۇ توكقا ئايلاندۇرۇلدى. يەرلىك ھۆكۈمەت ئارالنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيەسى ئورۇنلاشتۇردى.

بۇ ئارالدىكى  ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 126 مىڭ كۇب مېتىر كېلىدىغان ئىككى تارىخىي سۇ ئويمانلىقى يامغۇر سۈيىنى ساقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

بېلىقچىلىق ساھەسىگە جايلىشىشتەك ئەۋزەللىكىنىڭ تۈرتكىسىدە سانائەت قۇرۇلۇشلىرىدىن يىراق بولغانلىقى ۋە بېلىقچىلىقتا ئانتىبىيوتىكلار ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى سەۋەبلىك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بۇ ئارال ئورگانىڭ مەھسۇلات گۇۋاھنامىسىغا ئىگە.

ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئارال كاپرايا لايىھەسى ياۋروپا كومىتېتى تەرىپىدىن سىجىل ۋە ئايلانما ئىقتىساد ساھەسىسدە ئۈلگە ياراتقانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتلاندى.

ئارالنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بۇ ئارال 80- ۋە 90-يىللاردا زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەندە بۇ يەرگە سېلىنىدىغان سېلىنمىلارنى رەت قىلىپ، ئارالنىڭ تەبىئىي قۇرۇلمىسى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداپ قالغانىدى.

بۇ ھەقتە ناھايىتى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ،  دېڭىز بۈركۈتلىرى، ئاقدېڭىز يىلپىزلىرى ئارالغا قايتىپ كېلىشكە باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر