«SeamlessM4T» ناملىق يېڭى كۆپ تىللىق سۈنئىي ئەقىل پىروگراممىسى

كۆزنەك (54)

2036165
«SeamlessM4T» ناملىق يېڭى كۆپ تىللىق سۈنئىي ئەقىل پىروگراممىسى

ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى ماگناتى Meta <SeamlessM4T> ناملىق يېڭى كۆپ تىللىق سۈنئىي ئەقىل پىروگراممىسىنى تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى ماگناتى Meta <SeamlessM4T> ناملىق يېڭى كۆپ تىللىق سۈنئىي ئەقىل پىروگراممىسىنى تارقاتتى.

ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى ماگناتى Meta سۆزلىشىش ۋە تېكىست تەرجىمىسىنىڭ كۆپ تىللىق سۈنئىي ئەقىل مودېلى SeamlessM4T نى ئېلان قىلدى.

SeamlessM4T تېكىست ۋە ئاۋازنى رەتلەپ، كىرىشتۈرەلەيدىغان سۈنئىي ئەقىل پىروگراممىسى سۈپىتىدە «100 خىل تىل» ئۈچۈن تېكىستتىن ئاۋازغا، ئاۋازدىن تېكىستكە، ئاۋازدىن ئاۋازغا ۋە تېكىستتىن تېكىستكە تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى ماگناتى Meta نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ سۈنئىي ئەقىل پىروگراممىسىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن مەقسەت ئوخشىمىغان تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالاقە ئورنىتىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئىكەن.

SeamlessM4T پىروگراممىسى دوگلاس ئادامسنىڭ كلاسسىك ئىلمىي فانتازىيەلىك يۈرۈشلۈك فىلىمىدىكى ماشىنىغا چىقىۋالغۇچىنىڭ سامانيولى يېتەكچىسى بىر  بېلىق بولغان، قۇلىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغىنىدا سۆزلىيەلەيدىغان، ھەرقانداق بىر تىلنى دەرھال تەرجىمە قىلالايدىغان بابېل بېلىقىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان.

SeamlessM4T پىروگراممىسىنىڭ نىشانى خۇددى بابېل بېلىقىغا ئوخشاش كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىكەن.

بابېل بېلىقىغا ئوخشىغان ئۇنىۋېرسال تىل تەرجىمانىنى ياساپ چىقىش قىيىن. چۈنكى ھازىرقى ئاۋازنى ئاۋازغا ۋە ئاۋازنى تېكىستكە تەرجىمە قىلىش سىستېمىلىرى دۇنيا تىللىرىنىڭ پەقەت ئاز بىر قىسمىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

Meta ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش ۋاسىتىلىرى مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان تۇنجى سۈنئىي ئەقىل شىركىتىممۇ ئەمەس.

گۇگول تەرجىمانى 2006 – يىلدىن بۇيان ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش تېخنىكىلىرىنى ئىشلەتمەكتە. دەرۋەقە، GPT-4 قاتارلىق چوڭ تىل مودېللىرى تىللار ئارا تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى بىلەن داڭلىقتۇر.

ئەمما يېقىندىن بۇيان، تېخنولوگىيە ساھەسى ئاۋاز كىرىشتۈرۈش سېپىدە قىزىپ كەتتى.

9-ئايدا،OpenAI  شىركىتى ئاۋازدىكى نۇتۇقنى تونۇيالايدىغان، ھەمدە بۇنى ئاساسىي جەھەتتىن تېكىستكە توغرا ئۆزگەرتەلەيدىغان  «Whisper» ناملىق ئوچۇق كودلۇق ئاۋازنى تېكىستكە تەرىجىمە قىلىش پىروگراممىسىنى تارقاتتى.

SeamlessM4T پىروگراممىسى ھەر خىل تىللارنى تېخىمۇ كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىش ساھەسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى نىشان قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر