ھازىرغىچە قايسى دۆلەتلەر ئاي شارىغا قەدەم باستى؟ يېقىن كەلگۈسىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كېلىدۇ؟

كۆزنەك (53)

2033002
ھازىرغىچە قايسى دۆلەتلەر ئاي شارىغا قەدەم باستى؟ يېقىن كەلگۈسىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كېلىدۇ؟

ھازىرغىچە قايسى دۆلەتلەر ئاي شارىغا قەدەم باستى؟ يېقىن كەلگۈسىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كېلىدۇ؟

گەرچە مىليونلىغان يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى سامانيولىنى سۈرەتكە ئالالىغان بولساقمۇ، لېكىن ئەڭ يېقىن قوشنىمىز بولغان ئاي شارى يەنىلا سىرلار بىلەن تولۇپ تاشقان. بۇ سىرلارنى يېشىش ۋە ئاي شارىدا ياشاش ساھەسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئاي شارىغا ئادەملىك ۋە  ئادەمسىز ئالەم كېمىلىرى ئارقىلىق سەپەر قىلىش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا. ئۇنداقتا، بۇ ھەقتە ھازىرغا قەدەر قايسى دۆلەتلەر نىمىلەرنى قىلدى؟ يېقىن كەلگۈسىدە قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟

ئاي شارى بىزنىڭ كۆكتىكى ئەڭ يېقىن قوشنىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن، دۇنيادىكى بىرقانچە دۆلەتنىڭ ئاساسلىق نىشانى بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بولدى.

ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە ئاي شارىدا ياشاش ساھەسى بەرپا قىلىشقا باشلايدىغان يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىشىغا ئاز قالدى.

بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ساھىدىكى مەنبەلىرى، تېخنولوگىيەلىرى ۋە تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى ئورتاقلىشالايدىغان خەلقئارالىق زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىشىغا توغرا كېلىدۇ.

ھازىرغا قەدەر 11 دۆلەت ۋە ئورگان ئاي شارىغا ئالەم كېمىسى ئەۋەتىشكە مۇۋەپپەق بولدى.

بۇ دۆلەتلەر سوۋېت ئىتتىپاقى/ رۇسىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياپونىيە، خىتاي، ھىندىستان، ئىسرائىلىيە، ئىتالىيە، لىيۇكسېمبۇرگ، جەنۇبىي كورېي ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى قاتارلىقلار.

بىراق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاي شارىغا ئالەم كېمىسى  قوندۇرۇش ياكى بىۋاسىتە قەدەم بېسىش دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرمەيدۇ، ئەلۋەتتە.

ئاي شارىغا قونۇش ئالەم كېمىسىنىڭ  قونۇش سۈرئىتىگە (ۋە قونغاندىن كېيىن مەشغۇلات قىلىش-قىلماسلىقىغا قاراپ) قاتتىق قونۇش ياكى يۇمشاق قونۇش دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.

يۇمشاق قونۇش ئالەم كېمىسىنىڭ بىخەتەر ۋە ئاستا سۈرئەتتە قونۇشىنى، ئالەم كېمىسىنىڭ قونغاندىن كېيىن ئىلمىي تەكشۈرۈشلەر – تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشىنى ئىپادىلەيدۇ.

ھازىرغا قەدەر، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت پەقەت ئۈچ دۆلەتلا ئاي شارىغا ئالەم كېمىسى ئارقىلىق يۇمشاق قونۇشقا مۇۋەپپەق بولالىدى.

2030-يىلغا  قەدەر ئاي شارىغا قەدەم بېسىشنى پىلانلاۋاتقان دۆلەتلەر:

نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر يا ئاكتىپ ئالەم قاتنىشى پىروگراممىلىرىغا ئىگە، ياكى مەخسۇس مەبلەغ بىلەن تەمىنلىنىدىغان ئالەم قاتنىشى پىروگراممىلىرىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، 2030-يىلغا قەدەر ئاي شارىغا ئادەمسىز ياكى ئادەملىك (ئالەم كېمىسى ئارقىلىق) يۇمشاق قونۇشنى تاماملىشى مۇمكىن.

بۇ دۆلەتلەردىن بىرى تۈركىيە.

تۈركىيە كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە ئاي شارىغا قاتتىق ۋە يۇمشاق شەكىلدە قونىدۇ.

راكېتا ئۈچ كۈنلۈك سەپىرى جەريانىدا سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاپ، دۇنياغا يەتكۈزىدۇ. تۈركىيە 2028-يىلىغا بارغاندىمۇ يۇمشاق قونۇش ئارقىلىق ئاي شارىدا ئىلمىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارالايدىغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر