ئىبراھىممۇ ھەقىقەتەن نۇھنىڭ دىنىغا تەۋەلەردىن ئىدى
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا ساغلام (يەنى مۇشرىكلىكتىن، شەكتىن پاك) دىل بىلەن كەلگەن ئىدى.
ئىبراھىممۇ ھەقىقەتەن نۇھنىڭ دىنىغا تەۋەلەردىن ئىدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ساففات سۈرىسى، 83 -107 - ئايەتلەر. ئىبراھىممۇ ھەقىقەتەن نۇھنىڭ دىنىغا تەۋەلەردىن ئىدى[83]. ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا ساغلام (يەنى مۇشرىكلىكتىن، شەكتىن پاك) دىل بىلەن كەلگەن ئىدى[84]. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسى (ئازەر) گە ۋە قەۋمىگە (ئۇلارنى ئەيىبلەپ) ئېيتتى: «سىلەر نېمىگە ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر؟[85] سىلەر ئاللاھنى قويۇپ يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟[86] ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان (ئاللاھقا) نېمىشقا گۇمان قىلىسىلەر؟»[87] ئۇ يۇلتۇزلارغا قارىدى، ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەل بولۇپ قالىمەن» دېدى[88 ـ 89]. ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئايرىلىشتى (يەنى ئۇنى تاشلاپ كېتىشتى)[90]. ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى[91ـ92]. ئاندىن ئۇلارغا يۈزلىنىپ ئوڭ قولى بىلەن ئۇرۇپ پاچاقلاشقا كىرىشتى[93]. ئۇلار (يەنى قەۋمى) ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئالدىراپ ـ سالدىراپ كېلىپ: «بىز ئۇلارغا چوقۇنۇۋاتساق، سەن ئۇلارنى چېقىپ تاشلامسەن؟» دېدى[94]. ئىبراھىم ئېيتتى: «(ئۆزۈڭلار) ئويۇپ ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنامسىلەر؟[95]. ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى ئاللاھ ياراتقاندۇر»[96]. ئۇلار: «ئىبراھىم ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار، (ئۇنى ئوتۇن بىلەن تولدۇرۇپ ئوت يېقىڭلار، ئوت يانغاندا) ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار» دېدى. (ئۇلار ئىبراھىمنى ئوتقا تاشلاش بىلەن) ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچى بولدى[97]. بىز (ئىبراھىمنى ئوتتىن سالامەت قۇتقۇزۇش بىلەن) ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق[98]. ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم مېنى بۇيرۇغان جايغا ھىجرەت قىلىمەن، ئۇ مېنى يېتەكلەيدۇ[99]. پەرۋەردىگارىم! ماڭا بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن»[100]. بىز ئىبراھىمغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق[101]. ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىش ـ كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشقا (ئەمر قىلىنىپ) چۈشەپتىمەن (پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ھەقىقەتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ)، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟» دېدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا (ئۇنىڭغا) مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن»[102]. ئىككىسى (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇندى، ئىبراھىم ئۇنى (يەنى ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنى ياتقۇزدى[103]. بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[104ـ105]. بۇ ھەقىقەتەن روشەن سىناقتۇر[106]. بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى (يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى) بەردۇق[107].